ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدا كەمسىتىلمەكتە


2007.04.18

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان باش شىتابى ھىندۇنېزىيىدىكى Asia Calling رادىئو ئىستانسىسى مۇخبىرى Daniel Schearf ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەچمىشلىرى ۋە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا بىر يۈرۈش مەخسۇس خەۋەرلەرنى ئىلان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن خەۋەرلىرى ئاساسەن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەرلىكلەرگە پايدىسىز نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئېلى خەلقلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان مىللي كەمسىتىش مەسىلىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاپتورنىڭ مىللىي كەمسىتىش ھەققىدە يازغان ماقالىسى

ئاپتور، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي كەمسىتىش ھادىسىسى ھەققىدە يازغان ماقالىسىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ رايون ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىش بىلەن باشلىغان بولۇپ، تۈركىي تىلىدا سۆزلەيدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ رايون نوپۇسىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللي كەمسىتىلىشكە ئۇچراش مەسىلىسىنى ، تىل- مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا قىستىلىشى، خىزمەت پۇرسىتى جەھەتتە، يەرلىكلەرنىڭ چەتكە قېقىلىشى قاتارلىق ئىككى چوڭ تەرەپكە يىغىنچاقلىغان.

ھالبۇكى، ‏- دەپ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور - دانىئېل سىكارىف، ‏ 1950 ‏- يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بۇ رايوننى ئۆز كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغاندىن كىيىن، ھۆكۈمەت خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ رايونغا سەلدەك تۆكۈپ، بۇ رايوندىكى بايلىق مەنبىيى، دىن ۋە مەدەنىيەتكە نىسبەتەن جىددىيچىلىك پەيدا قىلدى.

خىتايلار يېڭىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەندە

ئاپتور، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تىلىنىڭ مەجبۇرىي ئوقۇتۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازغان: " خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇيغۇر ئېلىگە تۇنجى كىرگەندە يەرلىكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى، لېكىن بۇ سىياسەت بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ئۆزگەرتىلدى."

ئاپتور يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتايچە ئۆگىتىشنى يەسلىدىن باشلىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتىدۇ.

دەرۋەقە خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن دەسلەپتە بۇ جايدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە مۇئەييەن دەرىجىدە ئۇيغۇن كېلىدىغان - " جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى تەڭ - باراۋەردۇر. دۆلەت ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا ۋە مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆز ‏- ئارا ياردەملىشىش مۇناسىۋەتلىرىنى قوغدايدۇ... ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە " دېگەنگە ئوخشاش سىياسەت ۋە قانۇنلارنى تۇزۇپ چىققان ئىدى.

ۋاھالەنكى، بۇ قانۇن بەلگىلىمىلەرنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىكى نەرسە كەبى مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2002-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىدىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاغا يۈرگۈزىۋاتكان يەڭى سىياسەتلىرى

ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرچە مىللىي مائارىپ سىستېمىسىنى خىتايچىلاشتۇرۇش دائىرىسىنى ھەتتا دىھقانلارغا ۋە يەسلىلەرگىچە كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ ، يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاقسۇنىڭ باي ناھيىسىدە باشلانغان يېزا ياشلىرىدىن 10مىڭنى"قوش تىل " بويىچە تەربىيىلەش قۇرۇلۇشى، قەشقەردىكى دېھقانلارغا خىتايچە ئۆگىتىش ھەرىكىتى مارالبېشى ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيىلىرىدە " قوش تىل" يەسلىلىرىنىڭ كېڭىيۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت خەۋەرلەر دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.

"مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە" دەيدۇ ئاپتور، "مىللىيلارنى خىتايچە ئۆگىنىشكە قىستاش بولسا بىر مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە، بۇ بەلگىلىمىلەر مىللىيلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، مەدەنىيەت كوپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلمىغان". ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ 1950-يىلىدىكى 5 پىرسەنتتىن كۆپىيىپ ھازىرقى 40 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ئاققۇنلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ خىزمەت تېپىشىمۇ بارغانچە قىيىنلىشۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت تېپىشى توغرىسىدا

مىللىيلارنىڭ خىزمەت تېپىش جەھەتتە كەمسىتىلىشكە ئۇچرىشى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەت دەرىجىسىدىن باشلىنىدىغانلىقى، بىرمۇ مىللىينىڭ مەلۇم بىر ئورگاننىڭ پارتىيە سېكرىتارلىقىغا سايلىنالمايدىغانلىقى، ھەتتا خوتەندىكى بىر خىتاينىڭ پاختا ئېتىزلىرىدا گەنسۇدىن كەلگەن مەدىكار خىتايلارنىڭ يامراپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن بىرمۇ كىشىنى ياللىمىغانلىقى ئاپتورنى بەكمۇ ئەجەبلەندۈرگەن.

ئۇ مۇنداق يازغان: " ئۇيغۇر رايونى خىتايدىكى ئاتالمىش ئاپتونومىيە رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ رايوندىكى نوپۇسنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلغۇچى ئېتنىك گۇرۇپپا يەرلىك مۇھىم ھوقۇقلارنى تۇتۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا كوممۇنىستىك پارتىيە تەشكىلاتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەللەر، مەكتەپلەر ۋە سانائەت تارماقلىرىدىكى ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىنى خىتايلار تۇتىدىكەن."

ئاپتور يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان مىللىي كەمسىتىش ھادىسىلىرىگە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرگەن نارازىلىقلىرى ۋە بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خىتايلار ئارىسىدا ئىشەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالغان تېلېفۇن ئۇچۇرلىرىدىمۇ يەرلىك ئامما خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش خاھىشىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىپ ئوچۇق ‏- ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، دەرۋەقە ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ھەرخىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى چەتكە قېقىلىشى ۋە كەمسىتىلىشكە ئۇچرىشى بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.