ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبا باتارىيىسىنى تەيۋەنگە يۆتكىشى ئۇقۇشماسلىقمۇ؟


2008.03.28

بەش بۇرجەكلىك بىنا دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بىر ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن تەيۋەنگە تىك ئۇچار ئايروپىلان باتارىيىسىنىڭ ئورنىغا قىتئەلەر ئارا مۇساپىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ باتارىيىسىنى يوللاپ سالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، بېيجىڭ بۇنىڭغا سەيشەنبە كۈنى قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تۈنۈگۈن تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خاتا ھالدا يوللانغان باشقۇرىلىدىغان بومبا باتارىيىسىنى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن ئىش بېجىرىش ئورنىغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ھەم باتارىيە قاچىلانغان كونتىنەرنى ئاچمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرمەسلىك ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى

بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇقۇشماسلىق 2006 ‏ - يىلى 8 ‏ - ئايدا يۈز بەرگەن ۋە ئالدىنقى ھەپتە بايقالغان. بەش بۇرجەكلىك بىنا باياناتچىسى " بىزدە مەخپىيەتلىك يوق، ۋەزىيەتنى تۈزەتتۇق" دېگەن بولسىمۇ، خىتاي ئەھۋالدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ۋەقەنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئېغىر جاراھەت پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەھۋالنىڭ باش - ئاخىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى ھەم ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرمەسلىك ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە ئۇقۇشماستىن يوللانغان باتارىيە، قىتئەلەر ئارا مۇساپىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ بەتلەش مىخانىزىمى يەنى قوزغاتقۇچ رول ئوينايدىغان سەزگۈر قىسمىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. باشقۇرىلىدىغان بومبا باتارىيىسى سېلىندىر شەكىللىك تۆت چوڭ كونتىىنەردە يوللانغان. تەيۋەن تۈنۈگۈن، خاتا يوللانغان كونتىنەرنى ئاچمىغانلىقىنى ھەم باشقۇرىلىدىغان بومبا باتارىيىسىنى سىناق قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تەيۋەننىڭ ئالاقىدار بىر خادىمى تۈنۈگۈن رويېتىرس ئاگېنتلىقىغا كونتىنەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۇقۇشماسلىقنىڭ خىتاي، تىبەت باش قېتىمچىلىقىغا چۇشكەن بىر پەيتتە ئىلان قىلىنىشى ۋە بۇنىڭ تەيۋەندە پرېزىدېنت ئالماشقاندىن كېيىن يۈز بېرىشى ھەم ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۇقۇشماسلىققا سەۋەب بولغان مەسئۇل خادىم ھەققىدە سوز قىلماسلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

خىتاينىڭ قورقىدىغىنى ئامېرىكىنىڭ گۇئام ھاۋا ئارمىيە بازىسى

نۆۋەتتە، ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي تېخنىكىسىدىكى مەخپىيەتلىكتىن ئەندىشە قىلىۋاتقىنىدەك، خىتايمۇ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىدىن ئەندىشە قىلىقلىق. بۇ ئەندىشە خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدىكى بىر ماقالىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: " خەرىتىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئەتراپىدا ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ھاۋا ئارمىيە بازىسى بار: شەرقتە كورىيىدىكى ۋۇشەن ۋە چۈنشەن ھاۋا ئارمىيە بازىسى، شۇنداقلا ياپونىيىدىكى سەنزى، خېڭتيەن ۋە چۇڭشېڭ جياشونا ھاۋا ئارمىيە بازىسى بار. غەربتە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسى بار، شىمالدا قىرغىزىستاندىكى ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىمۇ جۇڭگوغا قارىتىلغان."

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: " ئەڭ خەتەرلىكى گۇئام ئارىلىدىكى ئاندېرسون ھاۋا ئارمىيە بازىسى بولۇپ، ئامېرىكا بۇ بازىسىدىكى ئايروپىلانلىرىنىڭ رادارغا چۈشمەس ئىقتىدارىغا تايىنىپ تۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ زىچ ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسىدىن بىخەتەر بۆسۈپ ئۆتەلەيدۇ ۋە بىر قانچە سائەتتىلا نىشانغا دەل تېگىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبا ياكى چارلىغۇچى باشقۇرىلىدىغان بومبىنى ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ھەر قانداق جايىغا قويۇپ بېرەلەيدۇ."

19 ئاي كېيىن بايقالغان ئۇقۇشماسلىق

خىتاي 1964 ‏ - يىلى تۇنجى ئاتوم سىنىقىنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن يەنى 1965 ‏ - يىلى تەيۋەن ئاتوم ئېنىرگىيە تەتقىقاتى ئورنىنى قۇرغان، يادرو قوراللىرى پىلانىغا تۇتۇش قىلغان. نۆۋەتتە تەيۋەن ياساۋاتقان شيۇڭفېڭ 2 تىپلىق چارلىغۇچى باشقۇرىلىدىغان بومبا خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان تەھدىتلەردىن بىرى. ئەگەر شيۇڭفېڭ 2 پۆتۈپ چىقسا، 600 كىلومېتىر مۇساپىدىكى نىشانىغا زەربە بېرەلەيدۇ. ھازىر تەيۋەندىكى ئاتوم ئېنىرگىيە تەتقىقات ئورنىدا 1100 دىن ئارتۇق خىزمەتچى ئىشلەيدۇ. بۇ تەتقىقات ئورنىغا 1998 ‏ - يىلى ئاجرىتىلغان خىراجەت 500 مىليون دوللار. شۇڭا ئامېرىكا ئۇقۇشماسلىق بىلەن تەيۋەنگە يوللاپ بەرگەن باشقۇرىلىدىغان بومبا باتارىيىسىنىڭ، 19 ئايدىن كېيىن بايقىلىشى خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا.

باشقۇرىلىدىغان بومبا ئۇقۇشماسلىقى ئامېرىكىنىڭ خىتاينى رەنجىتكەن ئىككىنچى چوڭ ئۇقۇشماسلىق ھېسابلىنىدۇ. 1999 ‏ - يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو ئارمىيىسى سىربىستانغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغاندا، خىتاينىڭ بېلگراد ئەلچىخانىسىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى. شۇ قېتىمقى قازانى ئامېرىكا، كونا خەرىتىنىڭ خاتا ئورۇن كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىر ئۇقۇشماسلىق دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.