ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان " جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى" نىڭ يېقىندا بىلدۈرۈشىچە، تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما ئۆزىنىڭ تىبەت مەسىلىسى ھەققىدىكى مەيدانىنى تېخىمۇ ئوچۇق ئىپادىلەپ، "مەن خىتايغا شۇنداق ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشنى خالايمەنكى، مەن پارچىلىنىشقا قوشۇلمايمەن. تىبەت خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئاپتونۇم رايونى، تىبەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە بۇددىزم خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى، نۇرغۇنلىغان خىتاي ياشلىرى تىبەت مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرىدۇ" دېگەن.
" جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى" خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، دالاي لامانىڭ بۇ سۆزى، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى سۆزلىرىدىن پەرقلىنىدىكەن. ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان. دالاي لاما ئىلگىرى، تىبەتنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رامكىسى ئىچىدە ھەقىقىي ئاپتونومىيىگە ئېرىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تىبەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.
خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بىر قىسىم كىشىلەر دالاي لامانىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن گۇمان قىلغان ئىدى.
دالاي لامانىڭ پوزىتسىيىسى
دالاي لاما پەقەت خىتاينىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ ۋە بۇنى تىبەتلەر ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قاراۋاتىدۇ.
بىراق، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن ئالاقىسى بار خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باياناتچىسى كەيت ساندرس " جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە بىراز مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
"دالاي لامانىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغىلى نەچچە ئون يىل بولدى. ئۇ خىتايدىن پارچىلىنىشنى ئىستىمىگىلى نۇرغۇن يىللار بولدى. ئۇ پەقەت خىتاينىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ ۋە بۇنى تىبەتلەر ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قاراۋاتىدۇ. مېنىڭچە " جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى" نىڭ دالاي لامانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىدە بىراز مەسىلە بار. دالاي لاما ئەزەلدىن ھازىرقى تىبەتنى خىتاينىڭ بىر ئاپتونۇم رايونى دەپ ئېلان قىلىپ باقمىغان. ئۇنىڭ تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان بارلىق تىبەت رايونىدا ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغان مەيدانى ئۆزگەرمىدى. خىتاي ۋە تىبەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قوللاش پوزىتسىيىسى ئۆزگەرمىدى.
بۇ ئارىدا، باش شتابى لوندوندىكى تىبەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بۇ يىل بېيجىڭغا ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەتنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بېيجىڭ پەقەت تىبەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىغىلا مەسئۇل بولۇشىنى، قالغان بارلىق تەرەپلەرنى تىبەتلەر ئۆزى ئىدارە قىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
سۆھبەتنىڭ ئۈنۈمىگە بولغان قاراشلار
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى كەيىت ساندرس خانىم دالاي لاما ئەلچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ يىل ئەتىيازدا قايتا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"خىتاي تەرەپ بىلەن پات ئارىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۈتۈنلەي كاپالەتكە ئىگە بولمىسىمۇ، بىراق دالاي لاما ئەلچىلىرى بۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن قاراۋاتىدۇ. دالاي لامانىڭ ئەلچىلىرى 2002 - يىلىدىكى دىئالوگدا ئىككى تەرەپنىڭ تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بىر قىسىم جىددىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇلار خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلغان ۋە بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان. شۇڭا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە دالاي لامانىڭ ئەلچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بەزى ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەردە تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تىبەتنىڭ ئاپتونومىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.
بىراق، بىر قىسىم تىبەت پائالىيەتچىلىرى تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدىغانلىقىدىن گۇمان قىلماقتا. تىبەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى تەرى دودېڭ ئۆزىنىڭ سۆھبەتتىن چوڭ ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
"مەن بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە زور ئىلگىرىلەش بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىدا زور پەرقلەر بار.
"مەن بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە زور ئىلگىرىلەش بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىدا زور پەرقلەر بار.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتى كۆپ يىللاردىن بېرى ياكى جىددىي، ياكى ئۈزۈلۈش ھالىتىدە بولغان. ئىككى تەرەپ نۇرغۇن ئاساسىي مەسىلىلەردىمۇ ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئەمەس ئىكەن. مەسىلەن، تىبەتنىڭ ئاپتونومىيە مەسىلىسىدە قانداق ئاپتونومىيىنىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا زور ئىختىلاپلار مەۋجۇت ئىكەن.
تارىخىي پۇرسەت
تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما " جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى" نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، شۇنداقلا بۇنىڭ ئالدىدا تىبەت خەلق قوزغىلىڭى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 46 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت يولى ئارقىلىق تىبەتنىڭ ئاپتونومىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى قايتا ئىپادىلىگەن.
بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنىلا دالاي لامانىڭ تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىيۇ جىيەنچاۋ دالاي لامانىڭ يېقىنقى باياناتلىرىغا ئىنكاس قايتۇرغاندا، " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالايغا قاراتقان سىياسىتى ئىنتايىن ئېنىق، ئەگەر دالاي خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايمەن دەيدىكەن، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىستەشتىن ھەقىقىي ۋاز كېچىشى كېرەك، بارلىق بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى كېرەك. ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەت خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك" دېگەن.
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى كەيت ساندىرس، دالاي لامانىڭ نۆۋەتتە تىبەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق تىبەتلەرنى ئويۇشتۇرىۋاتقان بىردىنبىر ھالقىلىق كۈچ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھازىر دالاي لاما ھايات، تىبەت ئىشلىرىغا باش بولىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تىبەت خەلقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئوخشاشلا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، كونا بىر ئەۋلاد تىبەتلەر دالاي لامانى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىشەنگىنى بىلەن، چەتئەللەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد تىبەت ياشلىرى خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق بىر پوزىتسىيىدە ئىكەن. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما تېخى ھايات بولغان بۇ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويسا، ئۇ ھالدا تىبەت مەسىلىسى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كەلگۈسىنى قىياس قىلماق تەس مەسىلىگە ئايلىنىدىكەن. (ئارزۇ)
