1979 - يىلى 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كېچىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ۋيېتنامغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھۇجۇمىنى باشلاپ، ئەتىسى تاڭ سەھەردە ۋيېتنام قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مۇداپىئە لىنىيىلىرىنى بۆسۈپ تاشلاش بىلەن ۋيېتنام چېگرىسىنىڭ ئىچكىرى قىسىمىغا قاراپ شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە باشلىغان ھەمدە قىسقىغىنا 20 كۈن ئىچىدە ۋيېتنامنىڭ خېلى كۆپ قىسىمىنى ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، بىراق 5 - مارت كۈنى بېيجىڭ بىردىنلا ھۇجۇمنى توختىتىپ چېكىنىشنى قارار قىلغان. پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىشقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب زادى نېمە؟ دېگەن سوئالنىڭ قويۇلۇشى تەبىئىي ئىدى.
يېقىندا موسكۋادا چىقىدىغان " ھاۋا ۋە ئالەم بوشلۇقى مۇداپىئەسى " دەپ ئاتالغان ھەربىي ئىشلار ژۇرنىلىدا رۇسىيە ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى، ھەربىي پەنلەر دوكتورى ۋلادىمىر سۇماركوپنىڭ " 1979 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قانداق قىلىپ خىتاينىڭ ۋيېتنامغا قىلغان ھۇجۇمىنى توختاتقان ؟ " دېگەن تېمىدا بىر پارچە ئارخىپلار ئاساسىدا يازغان ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
بۇ ماقالە ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئارخىپ ھۆججەتلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ۋيېتنامغا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ توختىتىپ قويغانلىقىنى پاكىتلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
خىتاي ۋيېتنام ئۇرۇشى ئۈچۈن زور ساندا ئەسكەر تەييارلىغان
رۇسىيە ھەربىي پەنلەر ئالىمى سۇماركوپنىڭ ئۆز ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، سوۋېت –خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جىددىي ھېسابلىنىدىغان 1978 - يىلى بېيجىڭ رەھبەرلىرى ۋيېتنامغا ھەر خىل شەكىلدە ھەربىي،سىياسىي بېسىملارنى كۆرسەتتى. 1978 - يىلى كامبودژادىكى ۋەتەنپەرۋەرلەر كۈچلىرى ۋيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن خىتايپەرەس پولپوتتا ھاكىمىيىتىگە قارشى ھۇجۇم قوزغىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋيېتنامغا قاراتقان بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى خانويدىكى ھەربىي ۋەكىلىنى چاقىرتىۋالدى ھەمدە ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى قىسقارتتى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىمنى چەتكە قايرىپ قويۇپ، ۋيېتنامغا قاراتقان ئىقتىسادىي ياردەملەرنى توختاتتى ۋە تۆمۈر يول قاتنىشىنى ئۈزۈۋەتتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 1978 - يىلى ئۆكتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرىدا مانېۋىر رامكىسى ئاستىدا خىتاي مەركىزىي رايونىدىن 9 دىۋىزىيە قوشۇننى چېگراغا توپلىدى، 1979 - يىلى يانۋار ئېيىنىڭ بېشىدا ۋيېتنامغا ھۇجۇم قوزغاش ئۈچۈن ھەربىي تەييارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، بۇ ھەربىي ھەرىكەتكە 29 دىۋىزىيە تەييارلىدى. شۇنداق قىلىپ، 14 - فېۋرال كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋيېتنامغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاشنى قارار قىلدى.
خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى زور قارشىلىقلارھا دۇچ كەلگەن
رۇسىيە ھەربىي ئىشلار ئالىمى سۇماركوپنىڭ بايان قىلىشىچە، 17 - فېۋرال كۈنى 30 - 35مىنۇتقا سوزۇلغان زەمبىرەك بىلەن توپقا تۇتۇشتىن كېيىن، خىتاي ئارمىيىسى ۋيېتنام - - خىتاي چېگرىسىدىكى 20 نەچچە نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتتى. خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كائوباڭ ۋە لاڭشەن قاتارلىق رايونلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرى زور بولۇپ، بۇ جايلارنى ئىشغال قىلىپ، 45 - 50 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرىشكە مۇۋەپپەق بولدى. بىراق، باشقا لىنىيىلەردە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ۋيېتنام ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىدى. ماڭكەي لىنىيىسىدىكى جەڭدە خىتاي ئارمىيىسى قاتتىق قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىپ، بىر ھەپتە ئىچىدە ئاران 2 - 4 كىلومېترلا ئىلگىرىيەلىدى ھەمدە قايتىدىن ئۆز چېگرىسى ئىچىگە چېكىندۈرۈلدى.
سۇماركوپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۇ ۋاقىتتىكى بېيجىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئويى، سوۋېت ئىتتىپاقى مەيدانغا چۈشۈپ، بۇنىڭغا ئارىلىشىشتىن ئىلگىرى ۋيېتنام ئارمىيىسىنى گۇمران قىلىپ، كامبود@جادىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئىدى. بۇ چاغدىكى ھەربىي ھەرىكەت ئېغىر تۈس ئالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا يا ئۇرۇشنى توختىتىپ، قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈش ياكى بولمىسا، مەزكۇر" چېگرا توقۇنۇشىنى" كەڭ كۆلەملىك رەسمىي ئۇرۇشقا ئايلاندۇرۇش قويۇلدى. ئەگەر بۇ ئۇرۇش كېڭەيسە، موسكۋا بىلەن خانوينىڭ كېلىشىمىگە بىنائەن خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم ۋيېتنامدىن ئىبارەت ئىككى سەپتە ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالاتتى.
نەتىجىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال ۋيېتنام ھۆكۈمىتىگە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى، بېيجىڭ رەھبەرلىرىنىڭ مەقسىتى خانوي رەھبەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ شەرتلىرىگە كۆندۈرۈش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشىن ئىبارەت ئىدى. بىراق، ۋيېتنام ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ سۆھبەت تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلدى.
موسكۋا دەرھال ھەربىي بېسىم كۆرسىتىش تاكتىكىسى قوللاندى
رۇس مۇتەخەسسىسى سۇماركوپنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ تۇرغان موسكۋا خىتايغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللانماستىن بەلكى، ھەربىي كۈچىنى نامايىش قىلىش ئارقىلىق تىنچلىق ئورنىتىش تاكتىكىسىنى قوللاندى.
سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتەتى خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلاردا ۋە موڭغۇلىيىدە ھەم،تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ ھەربىي مانېۋىر 12 - مارتىن باشلىنىپ، 26 - مارتقىچە داۋاملاشقان بولۇپ، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر، 2600 تانكا، 900 ئايروپىلان ۋە 80 پاراخوت مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلدى. موسكۋا پەقەت ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپلا قالماستىن بەلكى، بارلىق قوشۇنلارنى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگۈزۈپ، زاپاستىكى ئەسكەرلەردىن 50 مىڭنى يىغدى ھەمدە خەلق ئىگىلىكىگە ئىشلەۋاتقان ئاپتوموبىللاردىن بەش مىڭنى ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە سالدى. شۇنداق قىلىپ، جەمىي 13 مىڭ ماشىنا ئىشقا سېلىندى.
ئەڭ زور ھەربىي مانېۋىر موڭغۇلىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئالتە موتورلاشقان دىۋىزىيە ۋە تانكا دىۋىزىيىسى قاتناشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئۈچى سىبىرىيىدىن يۆتكەپ كېلىندى. بۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر جۇمھۇرىيەتتە تۇرىۋاتقان ئىككى برىگادە قوشۇن، ئۈچ ھاۋا ئارمىيە دىۋىزىيىسى ھەم باشقا قىسىملارمۇ مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلدى.
12 - مارتىن 26 - مارتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەربىي مانېۋىر يەن يىراق شەرقتە ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىلىنىدىغان شەرقىي قازاقىستاندىمۇ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا بىر قانچە ھاۋا ئارمىيە قوشۇنى،، چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ھەم باشقا خىلدىكى ھەربىي قوشۇنلار قاتناشتى. ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساسىي نىشان قىلغان سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ تۈركىستان ھەربىي رايونى 20 مىڭ ئادەمنى ھەربىي سەپكە تولۇقلاپ، تاكى ۋيېتنام ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، 1979 - يىلى دېكابىرغا قەدەر ھەربىي مانېۋىرلارنى داۋاملاشتۇردى.
سوۋېت ھۆكۈمىتى يەنە تۇلا رايونىدىكى پاراشوتچىلار دىۋىزىيىسىنى خىتاي بىلەن چېگرا چىتا رايونىغا يۆتكەپ كەلدى. ئۇكرائىنىيە ھەم بېلورۇسىيىدىكى ھۇجۇمچى ئايروپىلانلار پولكلىرىمۇ موڭغۇلىيىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى ۋيېتنامغىمۇ ھەربىي ياردەم بەردى
رۇس ئالىمى سۇماركوپنىڭ بايان قىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى قۇرۇقلۇقتىن خىتايغا ھەربىي بېسىم كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى، خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى، شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىنچ ئوكيان فىلوتىنىڭ 50 دانە پاراخودىنى ئەۋەتتى. بۇلاردىن باشقا يەنە 6 دانە سۇ ئاستى پاراخودى ھەرىكەت قىلدى. پرىمورسكىي رايونىغا بولسا، دەڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراشۇتچى قىسىملىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سوۋېت قوشۇنلىرى ھەربىي مانېۋىر جەرياندا 1000 دانىدىن ئارتۇق راكېتا ۋە ھاۋادىن قويۇپ بېرىلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى ھەمدە زور مىقتداردا ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي چىقىم سەرپ قىلدى.
سوۋېت ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايلاردا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن ۋيېتنامغا دېڭىز يولى ئارقىلىق 400 دانە زەمبىرەك ۋە مىناميوت، 100 دانە زېنت توپ، 400 دانە زېنت توپلارنى توشۇيدىغان ئۈسكۈنە ھەم ئۇنىڭ مىڭلىغان راكېتا ئوقلىرى ھەمدە 800 دانە تانكا ئېتىش قورالى ۋە 20 دانە ھۇجۇمچى ئايروپىلان يۆتكەپ كەلدى. شۇنىڭدەك 400 دانە تانكا ۋە ھەربىي ماشىنىلارنى ئېلىپ كېلىپ ۋيېتنام ئارمىيىسىگە تاپشۇردى.. سوۋېت توشۇغۇچى ئايروپىلانلىرى ھەر قايسى ئۇرۇش سەپلىرىگە قورال –ياراق ھەم ئەسكەر توشۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىدى.
خىتاينىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىشىدىكى بىر قانچە ئامىللار
رۇسىيە ھەربىي ئىشلار مۇتەخخەسىسى ۋلادىمىر سۇماركوپنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى كۆزلىگەن سىياسىي مەقسىتىگە يېتەلمەي، 1979 - يىلى،5 - مارت كۈنى ۋيېتنامدىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇنىڭغا بىر قاتار سىياسىي ۋە ھەربىي ئامىللار سەۋەب بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىقلىرى خانوينىڭ موسكۋا تەرەپتىن قەتئىي ۋە كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشكەنلىكى ھەمدە موسكۋانىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقتە ئېلىپ بارغان ھەربىي پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك بېيجىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى توقۇنۇش جەريانىدا كۆرۈلگەن پىكىر ئىختىلاپلىرى ۋە باشقىلاردۇر.
ئاپتور يەنە باشقا مۇھىم ئامىللار سۈپىتىدە يەنە ۋيېتنام خەلقى ۋە ئارمىيىسىنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، خىتاي ئارمىيىسىنى زور چىقىمغا ئۇچرىتىشى، خىتاي ئارمىيىسى قوماندانلىق سىستەمىسىنىڭ ھەربىي –تاكتىكا جەھەتتىكى خاملىقى ھەمدە ھەربىي قورال - ياراق، ھەربىي تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشتىكى قىيىنچىلىقلار ۋە باشقىلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
ئاپتورنىڭ يەكۈنىچە، ئەنە شۇنداق موسكۋانىڭ كۈچلۈك ھەربىي بېسىمى ۋە باشقا ئامىللار تۈپەيلىدىن خىتاي ئۆز قوشۇنلىرىنى ۋيېتنامغا ئىچكىرىلەپ كىرگۈزۈشتىن توختىتىشقا ھەمدە 20 - مارتتىن ئېتىبارەن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشكە باشلاشقا مەجبۇر بولغان. (ئۈمىدۋار)