شەرقىي دېڭىزدىن نېفىت گازى ئېچىش بۇيىچە ياپون-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ تېخىچە مەۋجۇت

ب ب س نىڭ 18 ‏- ماي كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي دېڭىزدىن نېفىت گازى قېزىش بۇيىچە ھازىر خىتاي -ياپون ئوتتۇرىسىدا 5 ‏-قېتىملىق سۆھبەت داۋاملىشىۋاتىدۇ. گەرچە ياپون ۋەكىللىرى ئۆز -ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ھەل قىلماقچى بولغان ئىختىلاپلار يەنىلا ساقلىنىپ تۇرماقتا.

مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئىختىلاپلار

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي دېڭىزدىن نېفىت گازى قېزىش بۇيىچە خىتاي -ياپون ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئىختىلاپلار مۇنداق:

شەرقىي دېڭىزدىن نېفىت گازى قېزىش ھوقۇقى مەسىلىسى ياپون-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئىختىلاپلارنىڭ بىرى. خىتاي شەرقىي دېڭىزدا 4 نوقتىدا نېفىت گازى قېزىشقا باشلىغاندا، ياپون تەرەپ ياپونىيىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى نېفىت بايلىقىنى خىتاينىڭ سۈمۈرۈپ كېتىش ئېھتىمالى بار دەپ قاراپ، خىتايدىن نېفىت قېزىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ياپون -خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىزدا چېگرا بەلگىلەشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئەمما خىتاي ياپونىيە ئوتتۇرىغا قويغان چېگرا سىزىقىغا قوشۇلمىدى. خىتاي يەنە دېڭىزدىكى چېگرا سىزىقىنىڭ ياپونىيە تەرەپتىكى دائىرىنىڭ ھەممىسى ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادىي رايونى بولۇشىغىمۇ قوشۇلمىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بۇلتۇر 10 ‏-ئايدا، ياپون تەرەپ ياپون-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز چېگرا سىزىقىغا جايلاشقان 4 نوقتىدىكى نېفىت گازىنى ئىككى دۆلەت بىرلىكتە قېزىش ھەققىدە تەكلىپ قويسا، خىتاي قوشۇلمىدى. خىتاي بۇيىل 3 ‏- ئايدا بۇنىڭغا قارشى ھالدا، خىتاي-ياپون ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز تېرىتورىيىسىنىڭ جەنۇب ۋە شىمال تەرىپىدىكى نېفىتلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىككى دۆلەت ئورتاق ئېچىشنى تەشەببۇس قىلدى. ياپونىيە پەقەت ئىككى دۆلەتنىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى دېڭىز تېرىتورىيىىسنىڭ شىمال قىسمىنى ئورتاق ئېچىشقا قوشۇلدى، ئەمما خىتايدىن شۇ تەرەپنى قېدىرىپ تەكشۈرگەن بارلىق ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي يەنە 'ئىختىلاپلارنى قايرىپ قويۇپ، شەرقىي دېڭىزدا گازنى ئورتاق قېزىش' دېگەن شەكىلنى قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەمما بۇنىڭدا بىر مۇھىم ئىختىلاپ باركى، ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى دېڭىز تېرىتورىيىىسنىڭ جەنۇب قىسمى دېگەن رايوندا، ياپونىيە ئۆزىنىڭ دۆلەت زېمىنى دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتقان سەنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى بار. ياپونىيە ئۆزىنىڭ مۇشۇ تېرىتورىيە ھوقۇقىغا تاقىشىدىغان ھەر قانداق تەشەببۇسنى قوبۇل قىلمايدۇ، بەلكى ياپونىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ مۇشۇ تېرىتورىيە ھوقۇقىنى قوللايغان ھەر قانداق خەلقئارالىق كېلىشىم ۋە باشقا تالاش-تارتىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلمەكتە.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 2004 ‏- يىلىدا خىتايدا ياپونىيىگە قارشى مىللەتچىلىك ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىگە يەتكەندىمۇ، ياپونىيىنىڭ خىتايغا بىۋاستە سالغان مەبلىغى يەنىلا 19% كۆپەيگەن ئىدى. خىتاي 2006 ‏- يلى 3 ‏- ئايدا سەنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي دېڭىزدىكى سۇ ئاستى بايلىقلىرىدىن ئىككى دۆلەت تەڭ پايدىلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز خاھىشى بۇيىچە نېفىت قېزىشقا باشلىغاندا، ئاندىن ياپونىيە خىتايغا بېرىۋاتقان قەرز پۇللارنى پۈتۈنلەي توڭلاتتى. شۇنداقلا ، 2006 ‏- يىلى 3 ‏-ئايدا ياپونىيىدە يېڭىدىن نەشر قىلىنغان تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىدە سەككاكى تاقىم ئاراللىىرى ياپوننىڭ زېمىنى دەپ قايتىدىن تەكىتلەندى. ياپونىيە يەنە ئامېرىكا بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى تۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن ياپون -خىتاي ئوتتۇرىسىدا شەرقىي دېڭىزدا نېفىت گازى مەسىلىسى بۇيىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى. بۈگۈنگە قەدەر بۇ جەھەتتىكى 5 ‏- قېتملىق سۆھبەتنىڭمۇ نەتىجىسى بولمىدى. گەرچە خىتاينىڭ شەرقى جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىدا ھازىر ئېغىر ئاپەت پەيدا قىلىۋاتقان دېڭىز بورىنى تىز سۈرئەت بىلەن شەرقى دېڭىزغا قاراپ كېلىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ، ياپون-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت يەنىلا توختاپ قالمىدى. بەلكى بۇ ئىككى دۆلەت ھازىر 6 ‏- قېتىملىق سۆھبەتكە تەييارلىق كۆرمەكتە.

ياپونىيە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم

خىتايدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئوبزورچى جياۋ گوبياۋ ئەپەندى بۇيىل 3 ‏- ئايدا ياپونىيىنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يازغان ئوبزورىدا مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: تارىخ خۇ جىنتاۋ ئۈچۈن خۇددى قانۇن ئىسلاھاتى دەۋرىدىكى ياپون پادىشاھىدەك ۋە ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئامېرىكا پرىزېدېنتى لىنكىندەك مەشھۇر ئىسلاھاتچى بولىدىغان شارائىتنى يارىتىپ بەرگەن ئىدى، ھەتتا ئامېرىكا بۇنداق چوڭ ئىسلاھات ئۈچۈن ھەرقانداق ياردەمنى ئايىماسلىققا رازى بولسىمۇ، ئەمما خۇ جىنتاۋ پۇرسەتنى غېنىمەت بىلمىدى، خىتايدىكى مۇتەئەسسىپلەردىن قورقتى. ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى مۇتەئەسسىپلەرنىڭ يۈرىكى پوك-پوك ئىدى. مىنىڭ قارىشىمچە، - دەيدۇ جياۋ گوبياۋ ئەپەندى، ‏- دۇنيادا ئامېرىكىدىن قالسا پەقەت ياپونىيىلا خىتايغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ۋە ياكى خىتاينى ئۆزگەرتەلەيدىغان دۆلەت. ياپونىيە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم، ئەمەلىيەتتمۇ ھازىر ياپونىيىنىڭ ھەربىر سۆزى، ھەربىر ھەرىكىتى، ھەتتا ياپونىيىدىكى بىرەر كىشىنىڭ قايسىبىر قەۋرىستانلىقنى زىيارەت قىلىشىمۇ، خىتاينى قاتىق چۈچۈتۈپ ساراسىمىگە سېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. (ۋەلى)