"ياردەمگە كەلگەن" 700 نەپەر خىتاي ياش ئۇيغۇر ئېلىغا ماكانلاشتى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "غەربنى ئېچىش پىلانى" بويىچە مەخسۇس ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا ياردەمگە ئېلىپ كېلىش پىلانى بويىچە 2003-يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىغا ياردەمگە كەلگەن 3893 نەپەر ياشنىڭ 700 نەپىرىنىڭ ئىچكىرىگە قايتىپ كەتمەي ، ئۇيغۇر ئېلىدە قالغانلىقى مەلۇم بولدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىغا ياردەمگە كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسەن مائارىپ، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ياردەم بېرىش مۆھلىتى توشقانلارنىڭ بىر قىسىمى كېتىپ، 700 نەپىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەتمەي قېلىشنى قارار قىلغان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يەرلىك دائىرىلەر ئىچكىرىدىن كەلگەن بۇ ياشلارنى مۇمكىن قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدا قېلىپ، ماكانلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا تۈرلۈك مۇمكىنچىلىقلارنى يارىتىپ، ئېتىبار بېرىش چارىلىرىنى قوللانغان بولۇپ، مەزكۇر ياشلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى ياخشى مائاش ۋە ئەمەلگە سازاۋەر بولغان ھەتتا بەزىلىرى ئائىلە قۇرغان.

ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەر يىلى خىتاي ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %60 ئىشسىز قالىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچكىرىدە ياخشى ئىش ئورۇنلىرى تېپىشى قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن 2006-يىلى 50 مىڭ ياش ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشقا ئۆزلىرىنى تىزىملاتقان.

غەربىي رايونلارغا ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە 2007-يىلى ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ يۇرتدىشى يەنى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تاماملىغانلار ئىكەن.بىراق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلار بولسا، ئىشسىز قالماقتا .(ئۈمىدۋار)