خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتى ياۋرۇپادا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ 23‏- سېنتەبىر كۈنى بېرلىندا تىبەتلىكلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، گېرمانىيە مەتبۇئاتىدا تىبەت مەسىلىسىدە كەڭ مۇنازىرە قوزغىغان.

نۇرغۇنلىغان مۇلاھىزىچىلەر تېخى يېقىندىلا خىتايدا زىيارەتتە بولغان گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىنىڭ ياۋرۇپادا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنىڭ بىر ئالامىتى دەپ قارىماقتا.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، گېرمانىيىدىكى ئوبزورچىمىز پەرھات مۇھەممەتنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىنى ئاڭلايسىلەر.