خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدا تەكىتلەنگەن "خىتايچە دېموكراتىيە" يەنە بىر يالغانچىلىق(1)

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت كابىنىتى ئىشخانىسى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى "جوڭگونىڭ دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان بۇلۇپ، بۇ خىتاينىڭ دېموكراتىيە ھەققىدە ئېلان قىلىغان تۇنجى قېتىملىق ھۆكۈمەت دوكلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا "خىتايچە دېموكراتىيە" دېگەن يەنە بىر ئاتالغۇنى كۆتۈرۈپ چىققان ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دېموكراتىيىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

"خىتايچە دېموكراتىيە" زادى قانداق دېموكراتىيە؟ تۈركىيە ياۋرو – ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى قانداق؟

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.