خىتاي دۆلەت كابېنىتى ئىشخانىسى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى "جوڭگونىڭ دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان. بۇ خىتاينىڭ دېموكراتىيە ھەققىدە ئېلان قىلغان تۇنجى قېتىملىق ھۆكۈمەت دوكلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا "خىتايچە دېموكراتىيە" دېگەن يەنە بىر ئاتالغۇنى كۆتۈرۈپ چىققان.
"دېموكراتىيە" دىن پايدىلىنىپ رەقىبلىرىنى يوقىتىش
ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق سىياسىي مۇلاھىزىچى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ 9 - ئايدا بېيجىڭدا قانۇن يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان بىر نەچچە ئېغىز سۆزىدە " دېموكراتىيە" دېگەن سۆزنى 7 قېتىم تىلغا ئالغان. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان پارتىيىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا "دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش" دېگەننى تىلغا ئالمىدى. ئەمدى يىغىندىن كېيىن ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ "دېموكراتىيە" دەپ سۆزلەشكە باشلىدى. خۇ جىنتاۋنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تىكلەش نىيىتى يوق. ئەمما ئۇ "دېموكراتىيە" دېگەن شۇئار دىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ رېقابەتچىلىرى بىلەن ئېلىشماقچى. يېقىندا خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش دېگەن پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىمۇ، ئۇنىڭ مۇشۇنداق بىر ئېھتىياجى ئۈچۈن.
"دېموكراتىيىدە" قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلەر
لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىيە توغرىسىدا ئېلان قىلغان بۇ ئاق تاشلىق كىتاب 12 بابقا بۆلۈپ يېزىلغان. ئۇنىڭدا ئىككى چوڭ مەزمۇن بار، بىرىنچىسى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ "دېموكراتىيىدە قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى". بۇ يالغان ئېيتىپ ئۆزىنى ماختىغانلىق. مەسىلەن: خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھوقۇق تۇتۇشىنى "خەلق تاللىغان"، "تارىخ تاللىغان" دېگىنى سەپسەتە. ئەگەر تارىختا چىن شىخۇئاڭنىڭ پادىشاھ بولۇشىنى تارىخ تاللىغان بولسا، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنىمۇ تارىخ تاللىغان بولمامدۇ؟ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھوقۇق تۇتالىشى، ئەمەلىيەتتە، خەلق ئۇنىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ئالدانغانلىقتىن بولغان.
- خۇ جىنتاۋ قايسى يۈزى بىلەن كوممۇنىست پارتىيە دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تىكىلگەن ۋە يولغا قويىۋاتىدۇ دېيەلەيدۇ؟ خۇ جىنتاۋ دەۋاتقان "دېموكراتىيە" كوممۇنىست پارتىيىنىڭ خوجايىنلىقىنى تىكلەيدىغان دېموكراتىيە. ئەمما خۇ جىنتاۋ خىتايدىكى قەغەز ئۈستىگە يېزىپ قويۇلغان "خەلق ۋەكىللىرى تۈزۈمى"، "كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى تۈزۈمى"، "سىياسىي كېڭەش تۈزۈمى"، "شەھەرچىلەر ۋە يېزىلاردىكى ئاساسى قاتلام ئورۇنلارنىڭ سايلام تۈزۈمى"، "كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش" دېگەن سۆزلەرنى " كوممۇنىست پارتىيىنىڭ دېموكراتىيە جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى" دەۋالغان. ئەگەر كوممۇنىست پارتىيە دېموكراتىيە تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولسا، شۇنچە كۆپ زىيالىيلار "ئوڭچى" قىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرامتى؟ "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش"، "خەلق كوممۇناسى" دېگەن سىياسىي ھەرىكەتلەردە نەچچە ئون مىليون ئادەم ۋەيران بولۇپ ئۆلۈپ كېتەمتى؟ تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن شۇ قەدەر چوڭ دېموكراتىك ھەرىكەتنى پەقەت "8 قېرى" ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قارار چىقىرىپ قوراللىق باستۇرالامتى؟ خەلق ئىچىدە ئادەتتىكىچە نەپەس مەشقى قىلدىغان شۇنچە كۆپ ئادەمنى سىياسىي جەھەتتىن باستۇرۇشقا جاڭ زېمىن يالغۇز قارار چىقىرالامتى؟
- ھازىر گۇئاڭدۇڭدا بىر كىچىك مەھەللىدە پۈتۈن خەلق بىر خىيانەتچى مەھەللە باشلىقىنى ۋەزىپىدىن قالدۇرالمىدى، مەھەللە باشلىقىنى ئۆزلىرى سايلام چىقماقچى بولغان خەلقنى سىرتتىن زوراۋان قارا كۈچلەر كېلىپ باستۇردى، شۇ كىچىككىنە بىر مەھەللىدە ناھايىتى چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەردى، ھۆكۈمەتنىڭ كارى بولمىدى. خۇ جىنتاۋ دەۋاتقان "دېموكراتىيە"نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى شۇمۇ؟ ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە " ئاپتونومىيە قانۇنى" دېگەن قەغەز يۈزىدىكى قانۇننى خىتايدىكى "ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەتكە خوجايىن بولغانلىقى"، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ "دېموكراتىيە جەھەتتە قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيىتى" دەۋالغان. ئەگەر ئاز سانلىق مىللەتلەر دۆلەتنىڭ خوجايىنى، قىسقىسى ئۆزىگە - ئۆزى خوجا بولالىغان بولسا، دالاي لاما چەتئەلگە قېچىپ چىقامتى؟ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى بارغانسىرى قەتئىيلىشىپ ئەۋج ئالامتى؟
"جوڭگوچە دېموكراتىيە"
لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىيە توغرىسىدا ئېلان قىلغان بۇ ئاق تاشلىق كىتابتىكى ئىككىنچى مەزمۇن خۇ جىنتاۋنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دېموكراتىيىنى قانداق يولغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پىلانى. خۇ جىنتاۋ خىتايدا "چەتئەللەرنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىنى ئۆز پېتىچە كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. ئادەتتىكى مەنتىقە بويىچە ئېيتقاندا، دۇنيادا ھېچقانداق دۆلەت باشقا بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈمىنى ئۆز پېتىچە كۆچۈرۈپ كەلمەيدۇ، دېموكراتىيىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇپ قوللىنىدۇ.
خۇ جىنتاۋنىڭ "دېموكراتىيىنى چەتئەللەردىن ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدۇ" دېگىنى مەقسەتلىك ھالدا سەۋەب كۆرسەتكەنلىك. ئەمەلىيەتتە "دېموكراتىيە" دېگەننىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ھەممە جايغا باب كېلىدۇ. پەقەت ماركسىزم -لېنىنىسم نەزىرىيىسىگىلا باب كەلمەيدۇ. ئەگەر خۇ جىنتاۋ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۇستەبىتلىكىدىن ۋاز كەچسە، قانداق يول بىلەن بولمىسۇن ئاساسى پرىنسىپلىرى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق بولغان دېموكراتىيە تۈزۈمىنى خىتاينىڭ ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇپ قوللانغىلى بولىدۇ.
لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھازىر كوممۇنىست پارتىيە ئىچىدە خۇجىنتاۋ، ۋېن جياباۋ تەرەپدارلىرى بىلەن جاڭ زېمىن، زىڭ چىڭخوڭ تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىئىسىدا تەرەببازلىق، ھوقۇق تالىشىش ناھايىتى كەسكىن. دېموكراتىيە تۈزۈمدە ھەممە ئىش ئوچۇق - يورۇق بىجىرىلىدۇ. مۇستەبىت تۈزۈمدە ھەر ئىش قارا ساندۇق ئىچىدە يۇشۇرۇن بىجىرىلىدۇ. ئەگەر خۇجىنتاۋنىڭ " دېموكراتىيە" دېگىنى راس بولسا، قوسىقىدا جىن بولمىسا، دېموكراتىيىنى پارتىيە ئىچىدىن باشلاپ، ئالدى بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى شۇ ئىككى تەرەپنى ئاشكارىلاپ باقسۇن. (ۋەلى)