خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى

يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار باشچىلىغىدىكى ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

بۇنىڭ ئارىسىدا -27 ئاۋغۇست كۈنى" ئىقتىساتشۇناسلار گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان " شىنجاڭدىكى خىتايلىشىش" دىگەن تېمىدىكى بىر پارچە ماقالە دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى پاش قىلدى.

ئاپتور ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن بۇ ماقالىنى يېزىپ چىققان بولۇپ، ماقالىسىنىڭ بېشىدىلا قەدىمدىن بۇيان مۇسۇلمان تۈركلەر ياشاپ كەلگەن بۇ زىمىننىڭ نۆۋەتتە بارغانسېرى خىتاينىڭ شاڭخەي، شېنجېن شەھەرلىرى بىلەن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت يۈرىكى ھېسابلىنىدىغان قەشقەر شەھىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ يېڭى شەكىلدىكى قۇرۇلۇشلىرى بىلەن توشۇپ، ئەسلىدىكى ئۆزىگە خاس پۇرىقى ۋە قەدىمىيلىكىنى يوقۇتىۋاتقانلىقىنى يازىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىنىڭ ۋەيران بولىۋاتقانلىقىغا ھەسرەت چەكمەكتە

ماقالىدا يەنە، قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەدىمقى كونا خىش ئۆيلىرى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئىشىك ئالدىلىرىدىكى قۇرۇلۇش سېلىش ئۈچۈن كولانغان چوڭقۇر ئازگاللارغا قاراپ ئۆز يۇرتىنىڭ ۋەيران بولىۋاتقانلىقىغا ھەسرەت چېكىۋاتقانلىقى يېزىلغان. ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق مۇۋاپىق تۆلەم بەرمىگەن ئەھۋال ئاسىتىدىلا ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سودا سارىيى ھەتتا خىتاي ئاققۇنلىرى ئۈچۈن تۇرالغۇ جاي سېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى يازىدۇ.

ماقالىدا ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، ئۇيغۇرئېلىدە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىلەن خىتاي نوپۇسى ئوتتۇرىسىدا ئالمىشىش يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي ئۆزىنىڭ ستاتىستىكىلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا خىتاينىڭ نوپۇسى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى ھەسسىگە يەتكەن. ئەلبەتتە بۇنىڭدا تېخى ئۇيغۇر ئېلىگە خىزمەت تېپىشقا كېلىپ بۇ يەردىن مەڭگۈ چىقىپ كەتمەيدىغان نەچچە ئونمىڭلىغان ئاققۇن خىتايلارنى ھېسابلىغىنى يوق.

ئامېرىكا مايئەمى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت فاكولتىتى پروفىسسورى ۋە ئۇيغۇر ئىشلىرى مۇتەخەسىسى دوكتۇر جۇن جېيېر خانىم بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇشنى ئۇزۇندىن بۇيان باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى:

" مېنىڭچە بۇ خېلى بۇرۇن باشلانغان. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خىتايچە ئۈگىنىشكە قىستاپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى يوقۇتۇشقا تىرىشتى. ئادەتتە بۇ خىل ھەرىكەت- بىر مىللەتنى يۇتۇۋېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى كىشىلەر خىتايچىنى ئۈگەنگەندە زامانغا ماسلاشقىلى ياكى بىلىم ۋە يېڭىلىقنى تېز ئىگەللىگى بولىدۇ دەپ قارايدىكەن. لېكىن بۇنداق ئەمەس، بىر مىللەت ئۆز تىلىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئاسانلا ئۆز مەدەنىيىتىنىمۇ يوقىتىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنى يوقاتسا، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن نىمە پەرقى بولىدۇ. ئۇ چاغدا خىتايمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاسىملاتسىيە قىلىش مەقسىتىگە يەتكەن بولمامدۇ؟!"

بىر مىللەت ئۆز تىلىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئاسانلا ئۆز مەدەنىيىتىنىمۇ يوقىتىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا ئاپتور يەنە، قەشقەردىكى ۋېنجو مېھمانخانىسىغا قىلغان زىيارىتىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ يەردە پۈتۈن خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ تىجارەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەمدە بۇ خىتايلار يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئالاھىدە ئېتىبار ئىمتىيازىغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا ماقالىدا " قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى ئورنىغا خىتاي ئۈچۈن سېلىنغان ئۆي ۋە ئىشخانىلار چۈشكەن." دەپ يېزىلغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان قاتتىق قوللۇق سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ

دوكتور جۇن جېيېر خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدىغانلىقىنى ھەتتا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان ھەم غەرىپنى ياقلايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىمۇ رادىكال ئىسلام يولىغا مەجبۇرلاپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىنىڭ بىرلىشىپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى كۈچىنىڭ بېرىچە ساقلاشقا تىرىشىش ئىكەنلىگىنى بىلدۈردى:

" مېنىڭچە ئۇلار كۈچىنىڭ بېرىچە خىتاينى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلىشىغا يول قويۇشقا قىستىشى كېرەك ھەمدە ئۆزلىرىمۇ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ قانچىلىك ئۆزگىرىشىنى شۇ مىللەت ئۆزى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇنىڭدا ئالدىراپلا تەن بەرمەستىن ھەممىسى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن."

جېيېر خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۆرەشنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى يەنە بىر خىل قورال قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتايغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)