تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتايغا تەۋە قابا، جېمىنەي، چىڭگىل ناھىيىلىرىنى ئاساس قىلىپ جايلاشقان 185 - پولكى ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قازاقىستان ۋە تاشقى موڭغۇل بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئەڭ شىمالىي چېگرا لىنىيىسىنى قورشاپ تۇرىدۇ.185 -پولكىنىڭ خىتايلىرى " بۇ جايدا يەر تېرىغىنىمىز چېگرىدا پوستا تۇرغىنىمىز، مال باققىنىمىز بولسا چارلىغىنىمىز، بۇ بىزنىڭ يېرىمىز، بىزنىڭ دۆلىتىمىز" دېيىشىدىكەن.
بۇ سۆز خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئورۇنلىشىشىدىكى مەقسىدىنى ئىپادە قىلىدۇ ئەلۋەتتە.
قەغەز يۈزىدىكى سۆز
تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن 185 - پولىكنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ماقالىدا خىتاي ئىشلەپچىقىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى جەڭچىلىرى، ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ، ئالتاينىڭ قابا ناھىيىسى، جېمىنەي ناھىيىسى ھەمدە چىڭگىل ناھىيىلىرىگە ئورۇنلىشىپ بوز يەر ئېچىش، ۋە دۆلەت چېگرىسىنى قوغداش جەريانىدا ئەڭ جاپالىق مەزگىللەرنى باشتىن كەچۈردى. خىتاي جەڭچىلىرى بۇ چېگرا رايونغا كەلگەندە، 185 -پولىكقا قاراشلىق بۇ ناھىيىلەر سازلىق رايون ئىدى، شۇڭا پاشا ۋە باشقا زىيانداشلار ئەڭ كۆپ بىر جاي ئىدى، خىتاي جەڭچى ئوفىتسېرلار جاپالىق ئەمگىكى بىلەن چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش بىلەن تەڭ غەربىي چېگرا نى قوغداشتەك مۇھىم ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلاپ، مۈشكۈل شارائىتتا ياشاپ كەلمەكتە دەپ يېزىلغان.
ئىگە بولىشىمىزچە 185 - پولىك خىتايلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى يەرلىك خەلقنىڭكىدىن پەرقلىق ھالدا ياخشى بولۇپ، دىۋېزىيە خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچىمۇ، مەزكۇر پولىكنىڭ ئائىلىلىكلىرىدە سۇ توك ھەتتا تېلېۋىزوردىن تارتىپ ٪ 100 ئومۇملاشقان.
185- پولىكتىن رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي، پولىكتىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە يېڭى ئۆيلەرنى تەقسىم قىلىۋاتقانلىقىنى، بىڭتۇئەندىكى كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتە ماشىنىلارنى ئېلىۋاتقانلىقىنى،ئۆزىنىڭمۇ يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى:
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ پولىكتا، خېنەن ۋە جاڭسۇدىن كەلگەنلەر كۆپرەك ئىكەن. ئۇنىڭ قېينانا ۋە قېيناتىلىرى ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ مۇشۇ پولكىغا ئورۇنلاشقانلاردىن بولۇپ، ھازىر ئۈچ ئەۋلاد ئۇيغۇر ئېلىدا ياشىماقتا ئىكەن. ئۇ ئۆزى بولسا -1991يىلى ئاتا ئانىسى بىلەن شەندوڭدىن كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن.
ئۇلار نېمىشقا كەلدى؟
بىز ئۇنىڭدىن ئەينى دەۋىردە نېمە ئۈچۈن بۇنچە جاپالىق چېگرا رايونغا كەلگەن ئىدىڭلار دەپ سورىدۇق. ئۇ ھاياجان ھالدا:
"شەندوڭدا دېھقان ئىدۇق،يۇرتىمىزغا سېلىشتۇرغاندا شىنجاڭ قانداقمۇ جاپالىق بولسۇن، خىتاي ئۆلكىلىرى بەك نامرات، قوسىغىمىزمۇ تويمايتتى، كىيىممۇ كىيەلمەيتتۇق، پەقەت چاغاندا يېڭى كىيىم ئىلىپ كىيەلەيتتۇق. يۇرتداشلار شىنجاڭنى ياخشىكەن دېگەندىن كېيىن،ئائىلە بويىچە چېگرا قوغداشقا كەلگەن ئىدۇق."دېدى.
بىز ئۇنىڭدىن بىڭتۇئەنگە كەلگەندىن كېيىن جاپا تارتتىڭلارمۇ دەپ سورىدۇق.
ئۇ " ياق بۇ يەردە ھەممە نەرسە بار ئىدى، كېلىشىمىزگە ئوي بەردى، يەرنىمۇ قانچىلىك كۆتۈرۈۋالساق ئۆزىمىزنىڭ ئىختىيارى ئىدى بىزنىڭ ئائىلە 120 مو تېرىلغۇ يەر كۆتۈرە ئالغان. شەندوڭدا بولسا ئاران بىر نەچچە مو يېرىمىز بار ئىدى." دىدى.
ياق بۇ يەردە ھەممە نەرسە بار ئىدى، كېلىشىمىزگە ئوي بەردى، يەرنىمۇ قانچىلىك كۆتۈرۈۋالساق ئۆزىمىزنىڭ ئىختىيارى ئىدى بىزنىڭ ئائىلە 120 مو تېرىلغۇ يەر كۆتۈرە ئالغان. شەندوڭدا بولسا ئاران بىر نەچچە مو يېرىمىز بار ئىدى.
ئۇ يەنە ھازىر بىڭتۇئەن خىتايلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ، دېھقانچىلىقتىن باشقا چارۋىچىلىق ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.شۇنداقلا ئۇ يەنە يەرلىك چارۋىچى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۇلار يېڭى كەلگەندىكىدىن ھىچقانچە پەرقلەنمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئورۇنلاشقانلىقىغا 50 يىلدىن ئاشتى، بىڭتۇئەنلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۈيى ئەلۋەك، تۇپرىقى مۇنبەت جايلىرىنى ئاساس قىلىپ يېيىلغان، بۇ ئەللىك يىل جەرياندا بىڭتۇئەننىڭ ھەر قايسى پولىكلىكلىرى نوپۇس جەھەتتىنلا تەرەققى قىلىپلا قالماي ئىقتىسادى ئىگىلىك، يېزا ئىگىلىك، سودا سانئەت، پەن تېخنىكا ھەر جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ تەرەققىيات سەۋېيىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.
1954 - يىلدىكى ئىستاتىستىكادا بىڭتۇئەن خىتايلىرىنىڭ نوپۇسى 100 مىڭغىمۇ يەتمەيتتى. ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا بىڭتۇئەن نوپۇسى ئىككى يېرىم مىليونغا يەتكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى بىڭتۇئەن خىتايلىرى ئىگىلەيدۇ. مەلۇماتلاردىن بىڭتۇئەندىكى خىتايلار نوپوسىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان يەنىمۇ تېز سۈرئەتتە كۆپۈيىۋاتقانلىقى مەلۇم.چۈنكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ھەر يىلى كېۋەز يېغىش ئۈچۈنلا 600 مىڭ خىتاي ئاققۇنى ئۇيغۇر ئېلىغا كەلمەكتە. (گۈلچېھرە)