2004 - يىلى نويابىردا ئېلان قىلىنغان "ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى" دىكى " كومپارتىيىگە توققۇز باھا،" خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي جامائەتچىلىكى ئارىسىدا جىددى تەۋرىنىش پەيدا قىلدى. ھازىرغا قەدەر 800 مىڭ پارتىيە ئەزاسىنىڭ كىشى خىتاي كومپارتىيىسىنى بايقۇت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىدىكى ئىلمىي خادىملار، مۇخبىرلار شۇنداقلا كۆزەتكۈچىلەر، پايتەخت ۋاشىنگتوندا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ، " توققۇز باھا" ۋە ئۇنىڭ تەسىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ۋېنگىرىيىدىكى سابىق باش ئەلچىسى، ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مارك پالمىر، جوڭگو - ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزۈتۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ياردەمچى مىنىستىرى ستېفان برىيەن، ئەركىنلىك تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جەك ۋېللىر شۇنداقلا "ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى" ئېنگىلىزچە باسمىسىنىڭ مۇھەررىرى گارىي فيۇربېرگلار سۆز قىلدى.
مارك پالمىر: خىتاي دېموكراتىيىسى ئافغانىستاننىڭ كەينىدە قالدى
خىتايدا ئىسلام دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىزنى ئىسلام دۇنياسى بىلەن بىرلىشىش يولىدا پەۋقۇللادە پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. چۈنكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر بېسىمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار شۇنداقلا پلانىتىمىزدىكى ئەڭ ئاز ئەركىنلىككە ئىگە مۇسۇلمانلار شىنجاڭدا......
مارك پالمىرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدىكى ھازىرقى ئەڭ جىددى مەسىلە دىكتاتۇرلۇق ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقى مەسىلىسىكەن. مارك پالمىر "دىكتاتۇرلۇق ئېڭى جاڭ زېمىندىن خۇ جىنتاۋغا مىراس قالدى. ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلمىغان ھوقۇق ئالمىشىش، ئىستىبىدات سىياسەتتىكى ئۆزگۈرۈشنى پەيدا قىلالمىدى. مۇخبىرلار، ئوقۇغۇچىلار، دىندارلار، ياشلار ئىچىدىكى سەرخىللەر شۇنداقلا ئوخشىمىغان كۆز- قاراشتىكى كىشىلەرنى تۈرمىگە تاشلاش، تەن جازاسى بېرىش داۋاملىشىۋاتىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي دىموكراتىيىسى ئافغانىستاننىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن پالمىر، مۇنداق دەيدۇ: "مەن بىر كىتابىمدا سۆز تېمىسىدىكى رايونلاردا بولۇپمۇ كەڭ مەنىدىكى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۆزگىرىش ياساش مۇھىملىقىنى تەكىتلىدىم. بىز تېخى يېقىندىلا قىرغىزىستاندىن تارتىپ ئافغاننىستانغىچە شۇنداقلا ئىراق، لىۋان، مىسىر ۋە ماراكەشتىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور دېموكراتىك ئۆزگۈرۈشلەرگە گۇۋاھ بولدۇق. مەزكۇر رايوندا كىشىلەرنىڭ ياكى پۈتۈن دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەۋاتقان كونا سىياسى سېستىمىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا بەس - مۇنازىرە قوزغالدى. خىتاي خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخى، ئىلغار مەدەنىيىتى بار، دەپ قارىلىدۇ. ئەمما بىز ساۋاتسىز ئافغانلارنىڭ بىلەت تاشلاش، ئۆز پرېزىدېنتىنى سايلاش ھوقۇقىغا ئىگىلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ھوقۇق نەچچە يۈز مىليون خىتايغا رەت قىلىنىۋاتىدۇ."
كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئىستىبداتلارنىڭ قىلمىشىنى يوشۇرىدىغان ئورگان بولۇپ قالدى
پالمىر، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىدىكى رولى ھەققىدە توختالدى. مارك پالمىر مۇنداق دەيدۇ:
- ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان، دەيدۇ مارك پالمىر، " ئۇ دىموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق روھى، ب د ت نى ئىسلاھ قىلىش پىلانىنىڭ مەركىزى مەزمۇنى، دەپ كۆرسەتتى. بولۇپمۇ ئاننان ، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزكۇر ئورگان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قىلمىشىنى يوشۇرىدىغان ئورۇن بولۇپ قالغانلىقىنى تەقىدلىدى.
جەك ۋېللىر: خىتايغا رىگان دەستۇرىنى ئىشلىتىش كېرەك
يىغىندا ئەركىنلىك تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جەك ۋېللىر مۇنداق دەيدۇ: "مەن شۇنى تەشەببۇس قىلىمەنكى، خىتايغا رىگان دەستۇرىنى قوللىنىش كېرەك. بۇ ھۇجۇم پوزىتسىيىسىدە تۇرۇش كېرەك دىگەنلىكتۇر. سىز زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىدا مۇداپىئەدە تۇرۇپ ئۇتالمايسىز. ئۇتۇش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىشىڭىز كېرەك. رىگان دەستۇرى بويىچە خىتاينىڭ ئاجىزلىقىنى تېپىپ چىقىش ۋە شۇ بويىچە ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ، خىتاينى ئاجىزلىتىش. مۇداپىئەدە تۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. بىز ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، فىلىپپىنلار بىلەن شۇنداقلا تېز ئارىدا ۋېيتنام ۋە ھىدىستانلار بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇشىمىز كېرەك."
خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى
دوكتور جەك ۋىللىر، خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بار، دەپ كۆرسەتتى. ۋېللىر مۇنداق دەيدۇ: " بىز بۇنى ئۈچتە يوق، دەپ ئاتالايمىز. بۇ ئۈچ مەسىلىنى سۇ قىئىسلىقى، ياشلارنىڭ خوتۇن ئالالماسلىقى شۇنداقلا بانكا سېستىمىسىدىكى كرىزىسكە يىغىنچاقلاشلاش مۇمكىن. شىمالى جوڭگودا سۇ تۈگەۋاتىدۇ… بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا مىليونلىغان ياشلار خوتۇن ئالالماسلىقى مۇمكىن. خوتۇنسىز ياشلار خىتاي جەمئىيىتىدىكى چوڭ بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ… ئەمما ئەڭ مۇھىمى بانكىلار. خىتايدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تۆت چوڭ بانكىنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولدى...." ۋېئىللىرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدا 50 مىليون 100 مىليونغىچە ئارلىقتىكى ئوتتۇرا تەبىقە كىشىلەر باي بولىۋاتىدۇ، ئەمما بىر مىليون ئىنسان نامراتلاشماقتىكەن.
ۋېللىر: ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئامېرىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر قىلىدۇ
خىتاي دۇنيا مىقيارىسىدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رىقابىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋېللىر، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئامېرىكىنىڭ ئالدىدىكى پەۋقۇلاددە پۇرسەت، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " خىتايدا ئىسلام دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىزنى ئىسلام دۇنياسى بىلەن بىرلىشىش يولىدا پەۋقۇللادە پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. چۈنكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر بېسىمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار شۇنداقلا پلانىتىمىزدىكى ئەڭ ئاز ئەركىنلىككە ئىگە مۇسۇلمانلار شىنجاڭدا......"
بۇ يەردىكى خەلقلەر - دەيدۇ ۋېللىر، - قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى خەلقلەر بىلەن ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدۇ. ئۇلار خەن مىللىتى ئەمەس، تۈركىي خەلقلەر. ئۇلارنىڭ دىنىي ئىسلام، ئۇلار مۇسۇلمان شۇنداقلا ئۇلار كىچىككىنە ئەركىنلىك تەلەپ قىلاتتى، ئەمما ئۇلاردا بۇمۇ يوق. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز شۇنداق قىلالىساق دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.
سەيشەنبە كۈنى چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىننى "ئۇلۇغ ئېرا" گېزىتى ئۇيۇشتۇرغان. يىغىن ۋاشىنگتوندىكى مەملىكەتلىك ئاخبارات مەركىزىدە ئېچىلدى. (ئەركىن)