خىتاي دۆلەتلىك مۇپەتتىش ئىدارىسىنىڭ بۇ يىل ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2004 - يىلى پۈتۈن خىتاي بويىچە ھەر خىل شەكىلدە يۈز بەرگەن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىدىكى ئىقتىسادىي خىيانەت سوممىسى 10 مىليارد يۇئەنگە يەتكەن.
مەزكۈر دوكلات سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - قېتىملىق يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان 38 ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىيانەتچىلىك قىلىنغان پۇل سانىنىڭ 9 مىليارد 6 يۈز مىليون يۇئەنگە يەتكەنلىكى ھەمدە بۇنىڭ ئارىسىدا دۆلەت ئىگىلىگىدىكى كارخانىلاردا بۇزۇپ - چېچىلغان پۇل سانىنىڭ 1 مىليارد 450 مىليون يۇئەنگە يەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، 2004 يىلى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى خىيانەتچىلىك قىلىش دېلولىرىدىن 222 سى بايقالغانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا چېتىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرى 800 گە يېقىن بولۇپ، ئۇلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي دۆلەتلىك مۇپەتتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جىنخۇئانىڭ ئېيتىشىچە، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان 38 ھۆكۈمەت ئورگىنىدا، بەزى ئورگانلار يالغان ھېسابات يوللاپ خىيانەت قىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرى ھېسابات سىرتىدا ھېسابات ئېچىپ، ئۆز ئالدىغا خەزىنە قۇرىۋالغان.
خىتاي دۆلەتلىك مۇپەتتىش ئىدارىسى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ھازىر خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان خىيانەتچىلىك قىلىش مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ھەرخىل شەكىلدە يۈز بەرگەن. بۇخىل ئەھۋال ھەتتا دوختۇرخانا، مەكتەپ ۋە سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئورۇنلاردىمۇ ناھايىتى كۆپ كۆرۈلگەن.
تەكشۈرۈش دائىرىسى يەنىلا ناھايىتى چەكلىك
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاينىڭ داڭلىق ئىقتىساد شۇنىسى ماۋ يۈشى ئەپەندى " بۇندىن ئىلگىرى بىزدە بۇخىل تەكشۈرۈش تۈزۈمى يوق ئىدى، ھازىر مانا ئېنىق سان سىفىرلار ئارقىلىق مۇپەتتىش ئىدارىسى تەرىپىدىن ھەممىنى ئاشكارىلايدىغان بولدى. بۇ بولسىمۇ بىر خىل ئىلگىرىلەش، لېكىن تەكشۈرۈش دائىرىسى يەنىلا ناھايىتى چەكلىمىلىك بولۇپ، يېتەرلىك ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.
خىتايدا تا ھازىرغىچە ھەقىقىي بىر نازارەت قىلىش تۈزۈمى يوق
سەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى سۈن گۇئاڭۋىن ئەپەندى " خىتايدىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئورۇنلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي خىيانەتچىلىك مەسىلىلىرىنىڭ بۇنداق ئېغىر ھالەتتە بولۇشى، ھەقىقىي بىر نازارەت قىلىش تۈزۈمىنىڭ يوق بولىۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان. بۇنى ئاز دەپ مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئەركىن مەلۇمات بېرىش ھوقوقىمۇ يوق، شۇڭا تۈزۈم خاراكتېرلىك چىرىكلىك مەسىلىسى ھەر زامان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ" دەپ بىلدۈردى:
خىتايدا غەرب دۆلەتلىرىدىكىدەك مەخسۇس باج تۆلەش ئورگانى بولىشى كېرەك خىتاينىڭ داڭلىق ئىقتىسادشۇناسى ماۋ يۈشى ئەپەندى " گەرچە خىتاي دۆلەتلىك مۇپەتتىش ئىدارىسى دوكلات ئېلان قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، بۇ پەقەت بىر خىل ھۆكۈمەت ئورنىنىڭ ئۆزىنى - ئۆزى تەكشۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا بىزدە غەرب دۆلەتلىرىدىكىدەك مەخسۇس باج تۆلەش ئورگانى بولىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، بارلىق چىقىمنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى پەقەت باج تاپشۇرىۋالغۇچىنىڭلا ئىگىلەش ھوقۇقى بولىدۇ. " دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى پەقەت كوممۇنىست پارتىيە پۈتۈنلەي گۇمران بولۇپ، دېموكراتىك تۈزۈم خىتايدا ھەقىقىي يولغا قويۇلغاندىلا ئاندىن تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلغىلى بولىدىكەن. (مېھرىبان)