لىۇشاۋبو ئەپەندىنىڭ 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى بېيجىڭدىن ئۆز ئۆيىدىن خەلقئارادىكى ئەركىن مەتبۇئاتلارغا يوللىغان سىياسى ئوبزورىدا مۇنداق دەپ بايان قىلىنغان: خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى چوڭ قۇرۇغلۇقتا ھاكىمىيەت تىكلىگەندىن كېيىنلا خۇسۇسى مۈلۈكنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشقا باشىلغان ئىدى. بۇلاڭچىلىقنى ئالدى بىلەن سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە مەيدە بۇرژۇئازلارنىڭ كاپىتالىغا قاراتتى. 1952 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، پۈتۈن مەمىلىكەتتىكى % 80 ئېغىر سانائەت،% 40 يىنىك سانائەت ۋە سودا - تىجارەت مىقتارىنىڭ % 50 كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولدى. مەمىلىكەت ئىچىدە يولغا قويغان ‘3 كە قارشى’ ‘5 كە قارشى’ دېگەن زوراۋانلىق باستۇرۇشلار ۋە چەتكە قاراتقان كورىيە ئۇرۇشىدىن كېيىنلا، 1953 - يىلى 10 ـ ئايدىن باشلاپ يەنە ‘سوتسىالىستىك ئۆزگەرتىش’ دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك خۇسۇسى كارخانىلارنى، خۇسۇسى قولھۈنەرۋەن، سودا - تىجارەتچىلەرنىڭ مۈلكى ۋە تاپاۋىتىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزىۋېلىشقا باشلىدى.
لىۇ شاۋبو ئەپەندى ماۋزېدوڭ 1953 - يىلىدىن كېيىن باشلىغان سوتسىالىستىك ئۆزگەرتىشنىڭ ئاقىبىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: شۇنىڭدىن كېيىن، 4 يىل ئىچىدە چوڭ قۇۇرغلۇقتا خۇسۇسى ئىگىلىك تىز سۈرئەت بىلەن ئازايدى. مەمىلىكەتتكى پۈتۈن قاتناش تاپاۋىتىنىڭ % 62 نى دۆلەت كارخانىلىرى ئېگىلەيدىغان، ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىلار شىرىكچىلەشكەن كارخانىلار % 36 نى ئېگىلەيدىغان، خۇسۇسى شىركەتلەر بولسا ئاران % 1.6 نى ئېگىلەيدىغان بولدى. دېمەك بۇ چاغدا خۇددى ماۋزېدوڭ ئەيتقاندەك ‘بۇ ساھە ئاللىقاچان دۆلەتكە ئۆتۈپ’ بولغان ئىدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ماۋزېدوڭ يەنە ‘ئادەمنىڭ مېڭىسىدىكىخۇسۇسىنى قاتتىق قىلىش’ دېگەن شۇئارنى ئوتۇرىغا قۇيۇپ، بۇنىڭ ئەمىلىيىتى ئارقىلىق شەخسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ھەر قانداق تىجارەت ۋە مۈلۈكلەرنى پۈتۈنلەي يۇقۇتىشقا كىرىشتى. بۇ جەرياندا ھەر- بىر شەخسنىڭ تۇرمۇش مەنبەسى دۆلەت ياكى كوللېكتىپنىڭ تەنمىنلىشىگىلا باغلىق بولۇپ قالدى. كوممۇنىست ھۆكۈمىتى سودا- سانائەتنى سوتسىالىستىك ئۆزگەرتىش دېگەن ھەرىلەتنى باشلىغاندىن تارتىپلا پۈتۈن خەلقنى ‘3 تەرىپىدە پىلىمۇت تىكلەگلىك، پەقەت بىر تەرەپلا ئۇچۇق، ئۇنىڭدىن ئۆزگە ماڭىدىغان يول يوق’ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. ھەر بىر شەخس ئۆزىنىڭ مۈلكىنى دۆلەتنىڭ ئىختىيارىغا ، يەنى خىتاي كوممۇىست پارتىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن ئۆزگە يول قالمىغان ئىدى.
لىۇشاۋبو ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھەر- بىر شەخسنىڭ تۇرمۇش مەنبەسى دۆلەتنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ تەمىنلىشىگىلا باغلىق بولۇپ قالغانلىقى، كوممۇنىست پارتىيە بۇ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ‘ئاشلىق مەسىلىسى’گە قول سالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: 1949 - يىلىدىن بۇرۇن دۆلەتنىڭ ئاشلىق سېستىمىسى خۇسۇسى شىركەتلەرنىڭ قولىدا ئىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىنلا ئاشلىقنى ‘بىر تۇتاش سېتىۋېلىش- بىر تۇتاش تەمىنلەش’ دېگەن سىياسەتنى يولغا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق دۆلەت ئۆزى ئاشلىق توپلاشقا كىرىشتى. خۇسۇسى ئاشلىق سېستىمىسى پۈتۈنلەي گۇمران قىلىندى. بۇ جەرياندا سان - ساناقسىز كەسپى ئائىلە ۋەيران بولدى، سان - ساناقسىز ئادەم قولغا ئېلىندى، سان - ساناقسىز مال - مۆلكىنى پارتىيىگە تاشلاپ بېرىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىپ ئۇ دۇنياغا كەتتى. ماۋزېدوڭ شۇ ۋاقىتتا چېن يۈننىڭ يېتەكچىلىدە يولغا قۇيۇلغان ‘بىر تۇتاش سېتىۋېلىش- بىر تۇتاش تەمىنلەش’ دېگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ ئېچىنىشلىق نەتىجىسىگە مەمنۇن بولغان ھالدا ‘بۇ ھەرىكەتتە خۇددى گومىنداڭ بىلەن قىلغان خۇايخەي ئۇرۇشىدىن قېلىشمايدىغان چوڭ ئۇرۇش بولدى’ دېگەن. (داۋامى بار) (ۋەلى)