ماۋزېدوڭ خەلقنىڭ خۇسۇسى مۈلكىنى قانداق بۇلاڭ- تالاڭ قىلدى؟ (2)
2004.08.30
"دۆلەت بىلەن خۇسۇسىلار شىرىكلىشىش" دېگەن سىياسەت ئۇچۇق - ئاشكارا ئېلىپ بېرىلغان ئالدامچىلىق ئىدى. ــــــ دەپ بايان قىلىنىدۇ لىۇشاۋبو ئەپەندىنىڭ "ماۋزېدوڭ خەلقنىڭ خۇسۇسى مۈلكىنى قانداق بۇلاڭ- تالاڭ قىلدى؟" دېگەن ئوبزورىدا، ـــــــ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى چوڭ قۇرۇغلۇقتا ھاكىمىيەت تىكلىگەندىن كېيىنلا، پارتىيىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرىدىن بولغان بويىبو دۆلەتنىڭ باج -سېلىق سىياسىتى ھەققىدە بىر لايىھە تۈزۈپ چىىقپ ماۋزېدوڭغا يوللىغاندا، بۇ لايىھىدە دۆلەت بىلەن شىرىكلەشكەن خۇسۇسى مۈلۈك ئىگىلىرىدىن ئالىدىغان باج "ئادىل بولۇش" دەپ كۆرسۈتۈلگەن ئىكەن، ماۋزېدوڭ بۇلايىھەنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى "ئادىل بولۇش" دېگەن سۆزنى "ئوڭچىلىق" دەپ تەنقىت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن خۇسۇسى مۈلۈك ئېگىلىرى ئۇچۇقتىن - ئۇچۇق كەمسىتىلىشكە باشلىدى. مۇشۇنداق زاراۋانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان "سوتسىالىستىك ئۆزگەرتىش" ھەرىكىتى ئاخىرلاشقان ھامان ، ماۋزېدوڭ ئۇنىڭغا ئۇلاپلا "سوتسىالىزم قۇرۇلۇش"دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويدى. جەمىيەتتىكى ھەممە بايلىق مەنبەلىرىنى "دۆلەت ئېگىلىكىدە" دەپ جاكالىدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ پۈتۈن خەلققە قاراتقان چوڭ بۇلاڭ - تالىڭى باشلاندى.
ماۋزېدوڭ خەلقنىڭ خۇسۇسى مۈلۈك مەنبەلىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشقا باشىلىغاندىن كېيىن ، ــــ دەپ داۋاملىق بايان قىلىنىدۇ "ماۋزېدوڭ خەلقنىڭ خۇسۇسى مۈلكىنى قانداق بۇلاڭ- تالاڭ قىلدى؟" دېگەن ئوبزوردا، ـــــــــ خوشنا دۆلەتلەرگە قارىتا ماۋزېدوڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىپ ستالىن بىلەن كىمئېرسىن قوزغىغان كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشتى. خىتايدا ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن ئىقتىساد تېخى ئەسىلىگە كېلىپ بولمىغان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلغان كورويە ئۇرۇشىدا 10 مىليارت ئامېرىكا دوللىرى چىقىم تارتتى ۋە 800 مىڭغا يېقىن ئادەمنى ئۈلۈمگە تۇتۇپ بەردى. دۆلەت ئىچىدە بولسا ئىشىكنى تاقاپ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ، مۇستەبىتلىك يۈرگۈزۈپ، "3 كە قارشى" ، "5كە قارشى" دېگەن ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ھەددى - ھېساپسىز ناھەق دېلو پەيدا قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ماۋزېدوڭ يەنە ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىپ "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش" ۋە "خەلق كوممۇنىسى قۇرۇش"نى ئوتتۇرىغا قۇيدى. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا يالغانچىلىق - مۇبالىغىچىلق يامراپ كەتتى. ھەتتا گېزىتلاردا "بىر مو يەردىن 820 مىڭ جىڭ مەھسۇلات چىقتى" دېيىلگەن غەلىتە خەۋەرلەرمۇ بېسىلىپ چىقتى. خەلققە جاپا ، مۈلۈككە زىيان سالىدىغان بۇنداق چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ۋە كوممۇنا قۇرۇش ئارقىلىق مۇبالىغىچىلىق قىلىشنىڭ ئاقىبىتىدە، 1953 - يىلىدىن 57 - يىلىغىچە بولغان 1 - بەڭ يىللىق پىلان ۋە 1958 - يىلىدىن 1962 - يىلىغىچە بولغان 2 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، يەنى مۇشۇ 10 يىل ئىچىدە سانائەت مىقتارى زور دەرىجىدە تۈۋەنلىدى. ئومۇم خەلق كىرىمىمۇ كاملىدى. ماۋزېدوڭ دۆلەتنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋېلىپ مۇستەبىت سىياسەت يۈرگۈزۈپ ئېلىپ بارغان ۋەھشى ھەرىكەتلەر بېسىمىدا ئاستىدا خەلق داد - پەريادىنى ئاغزىدىن چىقىرالمايتتى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ماۋزېدوڭ يەنە شەھەرنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن دېھقانلاردىن مەجبۇرىي ھالدا ئاشلىق سېتىۋېلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە خەلقنىڭ ئاشلىق سەرپىيات مىقتارى كۈندىن - كۈنگە كاملاپ ماڭدى. 1957 - يىلىدىكى ئادەم بېشىغا توغرى كېلىدىغان 203 كىلو گرام ئاشىلىق شەھەرلەردە 160 كىلو گرامغا، يېزىلاردا بولسا 150 كىلوگرامغا چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشتى، كۆپۈنچە جايلادا ئاچارچىلىق ئېغىر بولدى. ماۋزېدوڭنىڭ خاتا سىياسىتى پەيدا قىلغان بۇ ئاقىبەتنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى "تەبىئى ئاپەت" دەپ ئۆكتەملىك قىلدى. بۇ مەزگىلدە زىيانغا ئۇچرىغان خەلق ئىگىلىكى 1965 - يىلىغا كەلگەندە ئاران 1957 - يىلىدىكى سەۋىيەگە قايتقان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ماۋزېدوڭ يەنە "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەتنى قوزغىدى. بۇ ھەرىكەتتە 1966 - يىلىدىن 68 - يىلىغىچە بولغان بىر نەچچە يىلدا خۇسۇسى ئىگىلىك ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىندى. سانائەت ۋە يېزا ئېگىلىك مەھسۇلات قىممىتى % 90 كاملىدى. ئومۇم خەلق كىرىمى % 75 كاملىدى. 68 - 69 - يىلىدىلا سانائەت ۋە يېزا ئېگىلىكىدە 110 مىليارت يۇەن زىيان بولدى. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرا ھېساپ بىلەنكى ئىش ھەققىمۇ 1963 - 65 - يىللاردىكى 530 يۇەندىن 1971 - 72 - يىللارغا كەلگەندە 513 يۇەنگە چۈشۈپ قالدى. كىشىلەرنىڭ ئەسلىشىچە، مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئەڭ قەبىھلەشكەن ئىككى يىل ئىچىدە خىتايدا خۇسۇسى مۈلۈك مەنبەلىرى ئەڭ ئېغىر بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچرىدى. 1966 - يىلى 8 - 9 - ئايلاردىلا بېيجىڭدە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆيى ئاختۇرىلىپ 100 مىڭ سەردىن ئارتۇق ئالتۇن توپلانغان. تىەىئەنمېن مەيدانىنى سۈپۈرگەندە، ماۋزېدوڭ قۇبۇل قىلغان "قىزىل قوغدىغۇچىلار" نىڭ يېنىدىن چۈشۈپ قالغان بىرمۇنچە زىخچە ئالتۇن يىغىۋېلىنغان. 80 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بېيجىڭ شەھرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. پۈتۈن مەمىلىكەت خەلقى ماۋزېدوڭ دەۋرىدە خۇسۇسى مۈلۈك، شەخسى ئەركىنلىك، كىشىلىك ئىپتىخارى، قانۇنلۇق ھۇقۇقى جەھەتلەردە تارتقان ئۇقۇبەتلەر ئەڭ ئېغىر، تۈلىگەن بەدەل ئەڭ كۆپ. پەقەت مۇشۇ نوقتىدىن ئەيتقاندىلا، ــــــ دەپ بايان قىلىنىدۇ "ماۋزېدوڭ خەلقنىڭ خۇسۇسى مۈلكىنى قانداق بۇلاڭ- تالاڭ قىلدى؟" دېگەن ئوبزورنىڭ ئاخىرىدا، ـــــــ خەلقنى "ئۇلۇق داھى" دېگۈزۈش ئۈچۈن زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلغان ماۋزېدوڭنىڭ قىلغانلىرى ھەممسى خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن چوڭ بالايى - ئاپەت. ئاخىر ماۋزېدوڭ ئۆزى پۈتۈن دۇنيا بىلەن دۈشمەنلىشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا ئاندىن ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى يولىغا ماڭغان ئىدى.