نيو-يورك ۋاقىت گېزىتى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تارىخ مەسىلىسىگە كەلگەندە ئەزەلدىن ئۆز مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تارىخ توغرىسىدىكى بارلىق دەرسلىك كىتابلارغا سىياسىي رەڭ بېرىپ كەلگەن.
مەزكۇر مەلۇماتتا، نيو-يورك ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرى ئۆزىنىڭ شاڭخەيدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە تارىخ دەرسى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى سۆزلەش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ياپونغا قارشى تۇرۇشى ئۇرۇشى، چاۋشەن ئۇرۇشى، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تىبەتكە كىرگەن مەزگىلى، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەشتە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق ئاپىتى، مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە 89 -يىلى ئوقۇغۇچىلار ئېلىپ بارغان دېموكراتىك ھەرىكەت قاتارلىق تارىخى ۋەقەلىكلەر ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ باردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى تارىخنى بۇرمىلاپ، خەلقنى ئۆزىگە قارىتىدۇ
ئامېرىكا روچىستېر ئۇنىۋەرسىتېتى پروفېسسورى جۇ يۇڭدﯤ ئەپەندى نيو-يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخنى بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغانلىقىنى ناھايىتى يوللۇق دەپ قاراپ، "ھەر قانداق بىر دۆلەت تارىخنى قورال ئورنىدا ئىشلىتىدۇ، كوممۇنىست تۈزۈمىنى قوللىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، داۋاملىق تارىخقا تايىنىپ پۇقرالارنى ئالداپ، ئۇلارنى ئۆزىگە قارىتىشقا تىرىشىدۇ" دىدى.
ئۇيغۇر رايونىدىكى دەرسلىككە "شىنجاڭ" دىگەن يېڭى بىر دەرسلىك قوشۇلدى
يېقىندا تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى كىلەر يىلى كۈزدىن باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىگە "شىنجاڭ" دىگەن يېڭى بىر دەرسلىكنى قوشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ھەمدە مەزكۇر دەرسلىكنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئوقۇشلۇق ئىكەنلىكى، ھەر ھەپتىسى ئاز دېگەندە 3 - 4 سائەت ۋاقىت مەزكۇر دەرس ئۈچۈن ئاجرىتىلىدىغانلىقى مەلۇم قىلىنغان.
خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن بۇ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆتۈلىدىغان "شىنجاڭ" دىگەن بۇ دەرسلىك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى، مىللى مەدەنىيەت، مىللىي ئىتتىپاقلىق، غەربنى ئېچىش، قانۇن تەربىيىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن تارىخنى بۇرمىلاپ، خەلقنى ئالدىماقتا
تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق تارىخ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، يىللاردىن بۇيان تارىخنى بۇرمىلاش ئارقىلىق پەقەت ئۇيغۇر خەلقنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز خىتاي مىللىتىنىمۇ ئالداپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىدىنىڭ ئۇيغۇر تۇپرىقىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ئاسان كونترول قىلىشتۇر" دەپ بىلدۈردى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقانلىرىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.