مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياپونىيە مۇداپىئە نازارىتى دوكلاتى ھەققىدىكى قاراشلىرى


2006.03.30
Chinese_paramilitary_soldie.jpg
2006-يىلى 17-مارت كۈنى خىتاي ئەسكەرلىرى نەنجىڭدا مەشقتە. AFP

ياپونىيە دۆلەتلىك مۇداپىئە تەتقىقات ئىنستىتۇتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان" شەرقىي ئاسىيا ئىستىراتېگىيە ئومۇمىي چۈشەنچىسى" ناملىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تېز سۈرئەتتە ھەربىي كۈچىنى زامانىۋىلاشتۇرىۋاتقانلىقى بولۇپمۇ يادرو قورال ۋە بالىستىك بومبا جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىياغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتى ئوچۇق شەرھلەنگەن

دوكلاتقا ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ھەربىي مانىۋېرلاردىن تەجرىبە توپلاۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن كۈزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچلۈك ئورۇنغا ئۆتىۋاتىدۇ دەپ قارىماقتا. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىي بولىشى، ھەمدە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشى شەرقىي ئاسىيادىكى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى مونتېرېي خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى خادىم دوكتۇر جىڭ دۇڭ يۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىغا قارىغاندا، بۇ دوكلاتتا ياپونىيىنىڭ قارىشىدىكى خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيا بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتى تېخىمۇ ئوچۇق شەرھلەنگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: "ئىلگىرى، ياپونىيە خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى تىلغا ئالغاندا، پەقەت ئومۇميۈزلۈك، ئابسىتراكتلا تىلغا ئېلىپ ئۆتەتتى. ھازىر بولسا بارغانسېرى روشەنلىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىتتىپاقلىقى بۇ مەسىلىلەردە مەيدانىنى ئېنىقلاشتۇرىۋاتىدۇ. ئۇلار ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدىمۇ، تەيۋەن بوغىزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۇلارنىڭ ئورتاق مۇداپىئە نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلىپ كۆرسەتكەن"

خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتىنى توختىماي ئاشۇرۇشى كىشىنى گۇمانغا سالىدۇ

ئامېرىكا مەيئامىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پروفېسسورى جۇن جۈئەيېر خانىم، ياپونىيە دۆلەتلىك مۇداپىئە تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتنىڭ ياپونىيىنىڭ خىتايغا بولغان ئەندىشە كەيپىياتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: ئۇ مۇنداق دېدى"

"مېنىڭچە، ياپونىيىنىڭ خىتاينى بۇ رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل دەپ قاراشقا ھەقلىق سەۋەبلىرى بار . خىتاي مۇھىت بۇلغىنىشى شۇنچىلىك ئېغىرلاشقان، نۇرغۇنلىغان ئىشسىزلار ياردەمگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان، داۋالىنىش سىستېمىسى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەر پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۇنيادا ھېچقايسى دۆلەت خىتايغا تەھدىت سالمىغان ئەھۋالدا، ھەر يىلى ھەربىي خىراجىتىنى توختىماي ئاشۇرىۋاتىدۇ. ياپونىيە ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشىنىڭ مەقسىتى مەلۇم تەرەپكە ھۇجۇم قىلىش دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ".

ئىككى دۆلەت ئارىسىدا چۈشىنىش كەم

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋاقتىنچە دەرس بېرىۋاتقان، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى مايكىل ياخۇدا ياپونىيىنىڭ خىتايدىن جىددىيلىشىشىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ سەۋەبى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزومى تەخىتتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋارىسى بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىر بىرىگە يول قويماي، پۇرسەت تاپسىلا ئۆز ئارا ئەيىبلىمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ياپونىيە بىلەن خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئۆز ئارا ئالاقە ئورنىتىش بوشلۇقىنى ئىزدىمىدى. نەتجىدە بىر تەرەپ بىرەر ئىش قىلسىلا، قارشى تەرەپ ئەيىبلەشكە چۈشۈپ كېتىدۇ. ياپونىيە ۋە خىتاي ئۆز ئارا چېگرا ئىختىلاپنى، شەرقىي دېڭىزدىكى تەبىئىي گاز ئىختىلاپى، كويزومىنىڭ ياسۇكۇنى بۇزرۇھگاھىنى تاۋاب قىلىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىنى تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلسا، ياپونىيە خىتاي پاراخۇتلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكى بويلىرىدا چارلاپ يۈرۈشىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئالاقە، چۈشىنىش بولمىغاندىن كېيىن، كونا ئىختىلاپلار كەتمەي تۇرۇپ، يېڭى ئىختىلاپلار كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ناچارلاشتى".

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى دۆلەت نۆۋەتتە تارىختا ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن بىر تارىخىي دەۋردە تۇرماقتا. يەنى ئىككىلا دۆلەت ئوخشاشلا كۈچلۈك بولۇپ، ئىككىلا دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ بۇ كۈچلۈك قوشنىسى بىلەن ئالاقە قىلىش تەجرىبىسى كەمچىل بولماقتا. ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭمۇ دۈشمەنلىك كەيپىياتلىرى ئۇلغۇيىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئىنتايىن ئېھتىياتچان قىلىپ قويماقتا.

ياپونىيە دۆلەتلىك مۇداپىئە تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ياپونىيىگە قاراتقان سىياسىتى، بىر تەرەپتىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تارىخىي مەسىلىلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلىش ، يەنە بىر تەرەپتىن ياپونىيىگە ئەھمىيەت بېرىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكتىن ئىبارەت دەپ كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ خۇجىنتاۋ ھاكىمىيىتى ئىچىدە ياپونىيىگە قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈش مەسىلىدە ئىختىلاپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ياپونىيە دۆلەتلىك مۇداپىئە تەتقىقات ئىنستىتۇتى 1997 - يىلىدىن باشلاپ " شەرقىي ئاسىيا ئىستىراتېگىيە ئومۇمىي چۈشەنچىسى" دوكلاتىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى شەرقىي ئاسىيادىكى ئىستىراتېگىيىلىك مۇھىت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۆزگۈرۈشلەرنى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. مەزكۇر ئىنستىتوت، دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنىنىڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ۋاكالەتلىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.