خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە مۇنازىرە بولىۋاتقان بىر قانچە مەسىلە (1)
2005.04.19
خەۋەرلەردە مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا بارغانسېرى كېڭەيتىلىۋاتقان ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئارقىلىق پەيدا بولغان خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك ئاساسەن بايلىق مەنبەئە تېررىتورىيىسى مەسىلىسى، خەلق ئارىسىدىكى تارىخىي دەرسلىك كىتابلار مەسىلىسى، ياپونىيىدە "ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھى" دەپ ئاتىلىدىغان قەبرىستانلىق مەسىلىسىدىن ئىبارەت 3 چوڭ مەسىلىگە يىغىنچاقلانغان. خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئالما گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، تاۋجې ئەپەندى بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنداق دەپ مۇلاھىزە قىلغان:
سەنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى
ياپونچە "سەنكاكۇ ئارىلى"، خىتايچە "دياۋيۈداۋ ئارىلى" دەپ ئاتىلىدىغان ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى بايلىق مەنبەئە تېررىتورىيىسى مەسىلىسىگە كىرىدۇ. بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ 2 - ئەۋلاد رەھبىرى دېڭ شاۋپىڭ ھايات ۋاقتىدا، خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى "ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، شەرقىي دېڭىزدىكى بايلىقلارنى بىرلىكتە ئاچايلى" دەپ يوليورۇق چۈشۈرگەن ئىدى. بۇ گەپلەر تېخى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. بۇ، بۇرۇن كېلىشىپ بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلە. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، ھازىر ياپونىيە شەرقىي دېڭىزدىكى بايلىقلارنى ئاچىمىز، دېگەن مەسىلە خىتايدا نامايىش قوزغاش ئۈچۈن سەۋەب بولالمايدۇ. بەلكى "بىرلىكتە ئېچىش" دېگەن سۆز ياپونىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ھېچ بولمىغاندا، ھازىرچە مېڭىپ تۇرىدىغان يولنىڭ بىرى. ھازىر بۇ مەسىلە ئۈستىدە خىتاي ھۆكۈمىتى گەپنى چوڭ قىلغان بىلەن، ئەمما ياپونىيە ئاخىرقى ھېسابتا، خىتاي ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان "بىرلىكتە ئېچىش" دېگەن سۆز بويىچە مۇرەسسەگە كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇنداقلا، ياپونىيە ئەمدى سەنكاكۇ ئارىلىغا دۆلەت بايرىقىنى تىكلەپ قويغانغا ئوخشاش، شەرقىي دېڭىزغىمۇ بايرىقىنى تىكلەپ قويىۋېرىدۇ. خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە قەدىمقى رىۋايەتلەردىكى يۈگوڭ دېگەن ئەخمەقتەك ئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە توختىماي تىركىشىشكىمۇ سەۋەب قالمايدۇ.
تارىخنى بۇرمىلاش
خەلق ئارىسىدىكى تارىخىي دەرسلىك كىتابلار مەسىلىسىگە كەلسەك، ياپونىيە بىر دېموكراتىك جەمئىيەت، ياپونىيىدە خەلق ئارىسىدا قوللىنىلىدىغان دەرسلىك كىتاب ھەرخىل، ئوڭچىلار يازغان دەرسلىك كىتابلارمۇ بار، سولچىلار يازغان دەرسلىك كىتابلارمۇ بار. ئەمما خىتايدا ئەھۋال باشقىچە. خىتاي بىر مۇستەبىت جەمئىيەت، خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە رۇخسەت قىلغان كىتابلا مەۋجۇت. ئەمما كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى خىتايدا ھەممە تارىخىي ۋەقەلەرنى ئۆزگەرتىپ، بۇرمىلاپ بولدى. ھازىرمۇ بۇرمىلاۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ياپونىيىنى "نەنجىڭدە ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق " دېمەي، ئۇنى "نەنجىڭدە يۈز بەرگەن شىددەتلىك ئۇرۇش" دەپ بۇرمىلىدى، دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى خىتايدا نېمە قىلدى؟ خىتاي ھۆكۈمىتى 1951 - يىلى ئېلىپ بارغان "ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى باستۇرۇش"، "يەر ئىسلاھاتى" دېگەندەك بىر قاتار سىياسىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق خەلق ئىچىدىكى يەر ئىگىلىرىگە، بايلارغا ۋە باشقا پارتىيىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان تارىخنى بۇرمىلاپ كېلىۋاتمامدۇ؟ ماۋ زېدوڭ ئۆزى، سەۋەبسىز ھالدا، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان ئادەم سانى پۈتۈن نوپۇس سانىنىڭ 1٪ نى تەشكىل قىلىشى كېرەك دەپ قارار چىقارسا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى شۇ قارارنى ئىجرا قىلىپ، خەلقىنى مىليونلاپ قىرغانغا پەخىرلىنىپ كېلىۋاتمامدۇ؟ ۋاھالەنكى، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ياپونىيە ئوتتۇرىغا قويغان "تارىخنى قانداق چۈشەندۈرۈش مەسىلىسىنى ھۆكۈمەت ئەمەس، بەلكى ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخ ئالىملىرى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ئىسپاتلاپ بېكىتىپ چىقسۇن" دېگەن تەكلىپ مۇۋاپىق تەكلىپ، بۇنى خىتاي قوبۇل قىلىشى كېرەك. (داۋامى بار) (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
خىتايدىكى ياپونغا قارشى كەيپىيات
- خىتايدىكى ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار كۆپلىگەن شەھەرلەرگە تارالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنى قانۇنسىز نامايىش ئۆتكۈزمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى
- ياپونىيە، خىتاينىڭ ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى
- ياپونىيە، بېيجىڭنى خىتايلاردىكى ياپون ئۆچمەنلىكىنى ئەيىپلەشكە چاقىردى
- خىتايدا يۈز بەرگەن ياپونىيىگە قارشى نامايىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار