"سوتسيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش" دېگەن سىياسەت ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا قانداق ئىجرا قىلىنىدۇ؟ (2)

0:00 / 0:00

خىتايدا ھازىر ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان 'يېڭى يېزا قۇرۇش' دېگەن سىياسەتنىڭ تەپسىلى مەزمۇنلىرى نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن قانداق 'يېڭى يېزا' قۇرۇپ چىقماقچى؟ بۇ ھەقتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت مالىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇخې ئەپەندى "ھازىر خىتايدا شەھەرلەرنىڭ كۆلىمى ھەر يىلى 8% كېڭەيمەكتە. كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە 300 مىليون دېھقان شەھەرلەرگە كىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ، يېڭى مەسىلىلەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ" دېگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يولغا قويۇۋاتقان 'يېڭى يېزا قۇرۇش' دېگەن سىياسەت دېھقانلارنى پۈتۈنلەي يەر-زېمىنىدىن ئايرىپ، يېزىلارنى شەھەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز قارىشى قانداق؟