سەككىزدە شەرەپسىز ، سەككىزدە نۇمۇسسىز ئادەملەر توپى‏ - خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى

0:00 / 0:00

3 ‏-ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى چوڭ يىغىندا ۋېن جياباۋ 'سوتسىئالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش' نى ئوتتۇرىغا قويغاندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتيىسىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 'سەككىزنى شەرەپ بىلىش، سەككىز نى نومۇس بىلىش' ھەققىدە سۆزلىگەن ئىدى. يىغىندىن كېيىن، خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزىنى دېھقانلارغا 'سوتسىئالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش' نىڭ ئىككى سەككىز ئۆلچىمى' دەپ تەشۋىق قىلماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھەممەت توختى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭغا بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.