يېڭى يىلدىكى يېڭى پىكىرلەر(1)

2006-yil.jpg
فىلىپپىننىڭ مانىلا شەھىرىدە يېڭى يىل. AFP

2006 - يىلىدىن ئىبارەت يېڭى بىر يىل يېتىپ كەلگەندە، مەن ھازىر سىلەرگە، 2006 - يىلى كىرىش بىلەن تەڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان يېڭى ئۇچۇرلارنى تونۇشتۇرۇشقا مۇيەسسەر بولغانلىقىمدىن خۇشالمەن. 2006 - يىلىدىن ئىبارەت يېڭى بىر يىل يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ، دۇنيادا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى يىلغا بېغىشلانغان نۇتۇقلىرى، مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بۇ يېڭى يىل توغرىسىدىكى تەقەززالىرى، مۇلاھىزىلىرى، پىكىرلىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. ئەپسۇسكى، مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا قالغان خەلقلەر بۇنداق يېڭى پىكىرلەر بىلەن ئورتاقلىشالمايدۇ.

يېڭى يىل بايرىمىدا دۇنيادا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىلىرىنى ئېلان قىلدى. خۇجىنتاۋمۇ يېڭى يىل نۇتقى ئېلان قىلدى. دۇنيادىكى دېموكراتىيە ئېقىنىنىڭ تۈرتكىسى بولسا كېرەك، ئۇنىڭ يېڭى يىل نۇتىقىدا، قانداقتۇر ئادەتتە ئاغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان "خەلققە ۋاكالىتەن" دەيدىغان سۆز غايىپ بولغان. ۋاڭ لېچۇئەنمۇ ئۇيغۇر خەلقىنى "بۆلگۈنچى"، "تېررورچى"، " قاتتىق باستۇرۇش كېرەك" دېگەن سۆزنى قىلالمىدى. ئوبزورچىلار يەنە خىتاي ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ يېڭى يىل نۇتقى قوللاشقا ئېرىشتى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش 2005 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئېلان قىلغان يېڭى يىل نۇتقى قوللاشقا ئېرىشتى. "ئامېرىكا ئاۋازى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جورجى بۇش يېڭى يىل نۇتىقىدا " 2006 - يىلىدا باش ۋەزىپە تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەت ئىچىدە بولسا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنى داۋاملىق يۈكسەلدۈرۈش" تىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، بۇشنىڭ يېڭى يىل نۇتقى ئامېرىكىدا قوللاشقا ئېرىشىپلا قالماي، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلاھاتچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئىلھام بولدى. جورجى بۇش يېڭى يىل نۇتىقىدا يەنە باجنى ئازلىتىش، مەمۇرىي چىقىملارنى قىسقارتىش، پۇلنىڭ پاخاللىشىشىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈرۈش، كىچىك كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، ئىستېمالچىلارنىڭ جۇغلانمىسىنى كۆپەيتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بازارلىرىدا پارچە سېتىش ناھايىتى جانلىنىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدا پرېزىدېنت بۇشنى قوللاش نىسبىتى تىزدىن ئۆرلىدى. ئامېرىكىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە بولغان دېموكراتلار بولسا بۇش ئەپەندىدىن قىزىل رەقەملەرنى ئازايتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ۋە ئارامغا چىققان ھەربىيلەرنىڭ داۋالىنىش سوغۇرتىسىنى ياخشىلاشنى، ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە زور پايدا يەتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا ئاھالىلىرىنىڭ ئىسىنىش ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىش لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ھۆكۈمەتنىڭ چىقىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن، يېڭى يىل بايرىمىنى ئۆزىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى فېرمىسىدا ئۆتكۈزگەن، بايرام جەريانىدا يەنە دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ئاپەتتە يارىلانغان كىشىلەرنى يوقلىغان.

خۇجىنتاۋنىڭ يېڭى يىل نۇتىقىدا "ۋاكالىتەن" دېگەن سۆز غايىپ بولغان

خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ يېڭى يىل نۇتىقىدا، "خىتاي خەۋەر تورى" دا بايان قىلىنىشىچە، بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن پەرقلىنىدىغان بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ خۇجىنتاۋ ھەر دائىم ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان "ۋاكىللىك قىلىمەن" دېگەن كومپارتىيە ئاتالغۇسىنى بۇ قېتىم قوللانمىغان. ئەمما ئۇ بۇ قېتىمقى يېڭى يىل نۇقتىدا يەنىلا سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت ۋە ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىتىش دېگەن كونا سۆزلەرنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا يەنە "بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم"نى يولغا قويۇش، "خوڭكوڭنى خوڭكوڭلىقلار ئىدارە قىلىش"، "ئالىي ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈش" يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، "تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا قەتئى قارشى تۇرۇش" دېگەنلەرنى تەكرارلىغان. گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى جۇڭنەنخەيدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى سەزمەي، يەنىلا "دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش" نى تەكىتلەپ تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇر خەلقىغە قاراتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ۋاڭ لېچۈئەنمۇ بۇ قېتىم "مىللىي بۆلگۈنچى" دېگەن سۆزنى تىلغا ئالالمىغان.

"جۇڭنەنخەيدىكى شەيتانلار"

خۇجىنتاۋ "ئورتاق پاراۋان ۋە ئىناق جەمئىيەت قۇرايلى" سەرلەۋھىلىك يېڭى يىل نۇتىقىدا "تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش" ۋاھاكازا دەپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، ـــ دەپ ئوبزورىنى باشلايدۇ خىتايدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچى ليۇشاۋبو ئەپەندى بېيجىڭدا تۇرۇپ يازغان "جۇڭنەنخەيدىكى شەيتانلار" دېگەن ئوبزورىدا. بۇ ئوبزور "بوشۈن تور بېتى" دە ئېلان قىلىنغان، ـــ مۇشۇ يېڭى يىل بايرىمىدا كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى بىلەن خەلق ئىپادىلىگەن كەيپىيات تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. خۇجىنتاۋ گەرچە تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا يېڭى يىلنى تەبرىكلەۋاتسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ چىرايىدا قىلچە تەبرىك، تەبەسسۇم ياكى ھېسداشلىق كۆرۈنمەيدۇ. ئۇنىڭ مۇشۇنداق چىرايى بىلەن ئېلان قىلغان يېڭى يىل بېغىشلىمىسىدىن، كىشىلەر خۇددى بۇ يېڭى يىلدا ئىنتايىن مۈشكۈل كۈنلەرگە، خەنجەر تېغى ياكى ئوت دېڭىزىغا قارا پ ئاتلىنىشقا تەييارلىق كۆرۈش لازىملىقىنى ھېس قىلاتتى. ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەر، گەرچە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا رەڭگا-رەڭ نۇر چاقنىتىپ، خىتاي خەلقىنى دۇنياغا جەننەتتە تۇرغاندەك كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ ئۆز - ئارا خالىس قىلىشقان پاراڭلىرىدا، كۆپىنچە ھالدا دوزاخنىڭ زۇلمەتلىرى سۆزلىنىدۇ. خەلق ئىچىدە يانفونلارئارقىلىق جۇڭنەنخەيگە، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىغا يوللانغان بېغىشلىمىلار تېخىمۇ ئەمەلىي.

سىياسىي مۇلاھىزىچى ليۇشاۋبو ئەپەندىنىڭ "جۇڭنەنخەيدىكى شەيتانلار" دېگەن ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، يېڭى يىل بايرىمىدا خەلق ئىچىدە يانفونلار ئارقىلىق كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 9 دائىمىي ئەزاسى ھەققىدە "ئادەمگە زېڭ چىڭخۇڭدەك قىزىل ئامەت كەلسە، پۇقرانىڭ ئائىلىسى جاچۇنۋاڭنىڭكىدەك روناق تاپسا، پۇقرانىڭ قوسىقى ۋېن جياباۋنىڭكىدەك توق تۇرسا، پۇقرانىڭ قىلىچى لوگەننىڭكىدەك كېسەر بولسا، ماجاڭ ئويناشقا خۇ جىنتاۋدەك ئۇستا بولسا" دېگەن بايراملىق بېغىشلىمىلار تارقالدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە "لالمىلارنى سۈن جۇڭشەن يىغىۋالغان، قەلەندەرنى ماۋزېدوڭ يىغىۋالغان، ھايانكەشنى دېڭ شاۋپىڭ يىغىۋالدى، خىيانەتچىنى جاڭ زېمىن يىغىۋالدى، ئەمدى قالغانلىرىنى خۇجىنتاۋ نەگە باشلايدۇ؟" دەپ يېزىلغان بايراملىق بېغىشلىمىلارمۇ بار.

سىياسىي مۇلاھىزىچى ليۇشاۋبو ئەپەندىنىڭ "جۇڭنەنخەيدىكى شەيتانلار" دېگەن ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ماۋزېدوڭ، دېڭ شاۋپىڭلارنىڭ روھىنى چاقىرىپ كېلىپ جۇڭخۇئا مىللىتىنى گۈللەندۈرمەكچى بولغان مەنتىقسىز2005 - يىل ئۆتۈپ كەتتى. 2006 - يىللىق يېڭى يىل بايرىمىدا ئوينالغان جۇڭنەنخەينىڭ "شەيتان ئويۇنى" مۇ تۈگىدى. ئەمدى خىتاي جەمئىيىتىدە خىيانەتچىلەر، چېرىكلەر، زوراۋانلار يەنە "خەلق ئۈچۈن بىجانىدىل ئىشلەش" دەپ سۆزلەشكە، غالچا ئەدىبلەر يەنە ھېكايە توقۇشقا، قارا نىيەتلەر يەنە نەپسانىيەتچىلىككە كىرىشتى. جەمئىيەتتە پۇلنى تۇتاملاپ خەجلەيدىغان چالا ساۋاتسىز بىلەن مائارىپقا پۇل تاپالمايدىغان نامراتلارنىڭ، مەشھۇر ماركىلىق مالدىن باشقىنى سېتىۋالمايدىغان ئەمەلدار جەمەتلىرى بىلەن بىر پۇل ئۈچۈن كاندا ئۆلىدىغان ئىشچىلارنىڭ ئورنىدا يەنىلا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. (داۋامى بار)