يېڭى يىلدىكى يېڭى پىكىرلەر(2)

yengi-yil.jpg
ئاۋسترالىيىدىكى پورت كۆۋرىكى ۋە سىدنېي ئوپېراخانىسىنىڭ يېڭى يىلدىكى كۆرۈنۈشى. AFP

2006 - يىلىدىن ئىبارەت يېڭى بىر يىل يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ، دۇنيادا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى يىلغا بېغىشلانغان نۇتۇقلىرى، مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بۇ يېڭى يىل توغرىسىدىكى تەقەززالىرى، مۇلاھىزىلىرى، پىكىرلىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېڭى يىل نۇتقى ئېلان قىلىپ، يەنىلا كونا گەپلەرنى تەكرارلىغاندىن كېيىن، مەتبۇئاتلاردا ئۇنىڭغا جاۋاپ بولىدىغان سانلىق مەلۇمات ۋە تەھلىللەرنى ئېلان قىلىندى.

چەتئەللەردىن خىتايغا بىۋاستە سېلىنىۋاتقان مەبلەغ ئازايماقتا

"خىتاي نەزەر" دېگەن ئېلېكتىرونلۇق گېزىتتا "رويترس ئاگېنتلىقى" ۋە "مەركىزى ئاگېنتلىقى" نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن تەييارلاپ ئېلان قىلىنغان خەۋەردە چەتئەللەردىن خىتايغا بىۋاستە سېلىنىۋاتقان مەبلەغ ئازىيىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ مەلۇماتلار خۇ جىنتاۋنىڭ يېڭى يىل نۇتقىدا، خۇددى بېيجىڭدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچى لىئۇ شاۋبۇ ئەپەندى تەھلىل قىلغاندەك، "تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ تەرەققى قىلىش" دېگەن سۆزلەرنى تەكرالىغان بولسىمۇ، لېكىن "خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى" دېگەندەك چوڭ گەپلەرنى قىلالمىغانلىئىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2005 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ چەتئەللەردىن خىتايغا بىۋاستە سېلىنىۋاتقان مەبلەغ ئازىيىشقا باشلىغان. 3 - پەسىلدە چەتئەللەردىن سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەرنىڭ ئازىيىش مىقتارى 10٪ دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھېچبىر كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چەتئەللەردىن خىتايغا بىۋاستە سېلىنىۋاتقان مەبلەغ مىقدارىنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي 4 چوڭ ئىقتىسادىي مەسىلىگە دۇچ كەلگەن. بۇنىڭ بىرى، كارنىجى يەر شارى مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ستاتىستىكىسىدا مەلۇم بولۇشىچە، 2005 - يىلى ھىندىستاننىڭ چەتئەل مەبلەغلىرىنى جەلىپ قىلىش كۈچى خىتايدىن ئېشىپ كېتىپ، ھازىر ھىندىستان ئامېرىكىدىن قالسا دۇنيا بويىچە چەتئەل مەبلەغلىرى ئېقىۋاتقان 2 - چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان. خىتاي بولسا چەتئەل مەبلەغلىرىنى جەلىپ قىلىشتا ھىندىستاننىڭ كەينىدە قالغان. ئىككىنچىدىن، خىتايدا چەتئەل مەبلەغلىرى خەلق باشقۇرىدىغان كارخانىلارغا يۈزلەنگەن. ئۈچىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى باج ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان. تۆتىنجىدىن، خىتايدا ئۆي - زىمىن بازىرى سۇسلاشقان.

چەتئەللەردىن خىتايغا سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەرنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقى ھازىر خىتاينىڭ "پۈتۈن دۇنيانىڭ زاۋۇتى بولۇش" سالاھىيىتىگە جىددىي تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان. ئىقتىسادشۇناسلار چەتئەللەردىن خىتايغا سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەرنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھازىر "چەتئەل مەبلەغلىرىنىڭ خەتەرگە ئۇچراشتى ساقلىنىش تەدبىرى" دەپ تەھلىل قىلماقتا.

ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچى جىم.روجېرس ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، دۇنيادا ئىقتىسادى توختىماي ئۇدا ئۆرلەۋىرىدىغان مۇجىزە يوق. 19 - ئەسىردە ئامېرىكا 15 قېتىم ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كەلدى، 1907 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ھەتتا پۈتۈنلەي گۇمران بولۇشقا تاس قالغان ئىدى، ئەمما ھازىر ئامېرىكا يەنىلا دۇنيا بۇيىچە ئىقتىسادى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت. ياپونىيىمۇ 1966 - يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتە گۇمران بولۇشقا تاس قالغان ئىدى، ئەمما ياپونىيە يەنىلا دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەت. خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھازىر سۇسلىشىشقا باشلىدى، ئالامەتلەردىن قارىغاندا، خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن ھەتتا گۇمران بولۇش خاراكتېرلىق ئىقتىساد سۇسلىشىش دەۋرىنى باشتىن كۆچۈرۈپ، ئاندىن قايتىدىن گۈللىنىشى مۇمكىن.

خىتاي ھازىر بىر قەغەز يولۋاس

ھازىر نيۇيورك شەھىرىدە تۇرىۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچى، سىياسىي مۇلاھىزىچى ساۋچاڭ چىڭنىڭ ئەپەندى تەيۋەندە چىقىدىغان "ئەركىنلىك گېزىتى" دە 1- ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، 2005 - يىلىدا دۇنيادا دېموكراتىيىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ۋە كوممۇنىزم مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيادا 122 دېموكراتىك دۆلەت بار ئىدى، 2005 - يىلى 28 دۆلەت بۇ دېموكراتىيە سېپىگە يېڭىدىن قوشۇلدى. ھازىر دېموكراتىك دۆلەتلەر پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 65٪ نى تەشكىل قىلىدۇ. قالغان 35٪ نۇپۇس ئەركىنلىك بولمىغان تۈزۈمدە ياشايدۇ، خىتايدا ياشاۋاتقان خەلق ئەركىنلىك بولمىغان تۈزۈمدە ياشايدىغان نۇپۇس سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالامەت شۇكى، 2005 - يىلىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە كەينىگە چېكىندى.

ئوبزوردا سېلىشتۇرۇلىشىچە، دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئامېرىكىنىڭ نوپۇسى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران 5٪ نى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئومۇم مەھسۇلات قىممىتى پۈتۈن دۇنيا ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 28٪ نى، پەن -تېخنىكا كۈچى پۈتۈن دۇنيا پەن - تېخنىكا كۈچىنىڭ 40٪ نى، تەتقىقات كۈچى پۈتۈن دۇنيا تەتقىقات كۈچىنىڭ 50٪ نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما ئامېرىكىغا رىقابەت قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئاران پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ 4٪نى تەشكىل قىلىدۇ. دېمەك خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئامېرىكىنىڭ 7 دىن بىرىگە تەڭ. خىتايدا 60 مىليون نوپۇسنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەنكى يىللىق كىرىمى ئاران 75 ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدۇ. خىتايدا 47٪ نوپۇسنىڭ كۈندىلىك كىرىمى 2 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمەيدۇ. خىتايدائاز دېگەندە 20٪ نۇپۇس ئىشسىز. ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيە كۈچى دۇنيا بويىچە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە، خىتاينىڭ ھاۋا ئارمىيە كۈچى بۇنىڭدىن ئىنتايىن يىراقتا. دېڭىز ئارمىيە كۈچى جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ، ئامېرىكىنىڭ 24 ئاۋىئاماتكىسى بار، قالغان دېموكراتىك دۆلەتنىڭ 10، خىتاينىڭ بىرىمۇ يوق. خىتايدا پەقەت دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك يوقلىقىنىڭ ئۆزىلا كرىزىسنىڭ مەنبەسى. خىتايدا 2005 - يىلى بىر يىل ئىچىدە 70 مىڭ قېتىم ھۆكۈمەتكە نارازىلىق، قارشىلىق ھەرىكەت يۈز بەردى. دېمەك ھازىر خىتاي بىر قەغەز يولۋاس. (ۋەلى)