خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن مەزكۇر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يەرنى ھۆددىگە بېرىش تۇنجى قېتىم 1982 - يىلى، 2 - قېتىم 1997 - يىلى باشلانغان
مەزكۇر خەۋەردە "ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا ئائىلىلەر بويىچە يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، بىر تۇتاش ۋە ئايرىم ھۆددىگە ئېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش تىجارەت تۈزۈلمىسى ئۇيغۇر رايونىدا ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەنگەن." دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەرلەرنى ھۆددىگە بېرىشتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاپ، بەزى يېزا- كەنت كادىرلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ ھۆددىگە ئالغان يەرلىرىنى خالىغانچە تەڭشەپ، ھۆددىگە ئېلىش مۇددىتىنى خالىغانچە قىسقارتىپ ،تۈزۈم بويىچە ھۆددىگە بەرمەيدىغان ئەھۋاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ يېڭى بەلگىلىمىدە يەنە نېمىلەر بەلگىلەڭەن؟ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بۇنىڭغا بولغان قارىشى قانداق؟ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ بۇلارغا قىزىقىشىڭىز مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىغا دىققەت قىلىڭ.