خىتاينىڭ يېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى تەڭپۇڭسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالدى

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت يېزائىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ سانلىق مەلۇماتىدا، بۇيىل 6 -ئايغا قەدەرخىتايدا ھىچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان يېزائىگىلىك ساھاسىدىكى ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتنىڭ ئىكىسپوت قىلىنغان مەھسۇلاتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ،يېزا ئىگىلىك سودىسى جەمى 3 مىليارد 730 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ قىزىل رەقەمگە يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۈر مىنىستىرلىك ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرىلىشىچە: بۇ يىلقى يېرىم يىل ئىچىدە ئىكىسپورت قىلىنغان يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد دوللاردىن ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %11 ئۆرلىگەن. لېكىن يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشى %62 ئۆرلىگەن بولۇپ، تارىختا ھىچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇققىرى رىكوردنى ياراتقان.ھەمدە بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئىمپورت قىلغان يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتلىرى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، % 68 ئۆرلىگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە: خىتاينىڭ دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپ چىقىرىشتا بۇرۇنقىدەك ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش سىياسىتىنى قوللانماسلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس ، ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمال مەسىلىسى . كۆپلىگەن ئىقتىسادشۇناسلار : " تۇپراق ۋە سۇ مەنبئەيىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئاز بولىشى خىتاينىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا زور بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە" دەپ ئەندىشە قىلماقتا. ئىقتىساد مۇتەخەسىسلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە: خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن ئىلگىرىكىدەك دىھقانچىلىق مەھسۇلاتى جەھەتتە ئۆزىنى- ئۆزى قامدىيالىشى ناھايىتى تەسكە توختايدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىمۇ قاتتىق ئەندىشىگە قويغان. مەسىلەن ئەنگىلىيىدە نەشر قىلىنىدىغان مالىيە گېزىتىدىكى مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە: خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ يېقىندا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى يىغىپ، ئاشلىق ۋە دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا ھەدىدىن تاشقىرى يۆلىنىۋېلىش مەسىلىسى ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان.

خىتايدىكى ئاشلىق مۇتەخەسىسلىرىنىڭ كۆز- قارىشىچە :ئاشلىق مەسىلىسى پەقەت چەتئەل بازارلىرىغا يۆلىنىۋېلىشتەك ئىستراتىگىيەلىك مەسىلىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتاي دۆلەت رەھبەرلىكلىرىگە نىسبەتەن، ئاشلىق جەھەتتە ئۆزىنى - ئۆزى قامداش مەسىلىسى بولۇپ ھىساپلىنىدىكەن. لېكىن چەتئەل مۇتەخەسىسلىرى: " خىتاينىڭ دىھقانچىلىق مەھسۇلاتى جەھەتتە ئۆزىنى قامداش ياكى قامدىيالماسلىقى ئانچە چوڭ بىر مەسىلە ئەمەس،خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى دەپ تۇپراق ۋە سۇ مەنبئەلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. خەلقئارا سودا نۇقتئىنەزىرىدىن قارىغاندا، ئۆزىنى- ئۆزى تەمىنلەش سىياسىتى پەقەت تەۋەككۈل قىلىشتىن ئىبارەت بولغان بىر ئىش.چۈنكى دىھقانچىلىق مەھسۇلاتىغاتەسىركۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ ھەممىسى رايون خاراكتىرلىك بولۇپ، بۇنىڭدا قۇرغاقچىلىق،سۇ ئاپىتى،مۆلدۈر يېغىش،كىسەللىك ۋە ھاشارەت زىيانداشلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنى ئويلىمىسا بولمايدۇ.ھازىرقى يەر شارى دائىرىسىدىن قارىغاندا، دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ئەھۋالى ناھايىتى مۇقىم،شۇڭا ئۇنى ئىمپورت قىلىشتىن ئەندىشە قىلماي ،بەلكى تۇپراق ۋە سۇ مەنبئىيىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى ئويلىشىش كېرەك " دەپ بىلدۈرمەكتە.

چەتئەل مۇتەخەسىسلىرىنىڭ بۇنداق دىيىشىدىكى سەۋەپ، بۇندىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسىنى كەڭەيتىمىز دەپ،چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئورمانلىقنىڭ ئورنىغا بوزيەر ئېچىپ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئېقىپ تۈگىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

زو تىەن جۈﯤ ئەفەندى يېقىندا نەشىر قىلغان "خىتاينىڭ 2050 - يىلىغا بارغاندىكى يېزا ئىگىلىك ئەھۋالى" ناملىق كىتاۋىدا خىتايدا بىر چىنە گۈرۈچ ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن 1920 چىنە سۇ كېتىدىغانلىقىنى مىسال ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. دىمەك بىر توننا گۈرۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن، ئاز دىگەندە 2000 توننا سۇ كېتىدىكەن. شۇڭا سۇ مەنبئەسى ئېغىر دەرىجىدە ئاز بولىۋاتقان خىتاي ئۈچۈن، دىھقانچىلىق مەھسۇلاتىنى ئىمپورت قىلىش پايدىلىق ئىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. لېكىن زو تىەن جۈﯤ ئەفەندى يەنىلا خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئاشلىق مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە: 2050 - يىلىغا بارغاندا، خىتايدىكى تېرىلغۇ يەر تەخمىنەن % 20ئازلايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە يەم-خەشەك قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئاشلىققابولغان ئىھتىياجى ھازىرقىدىن بىر ھەسسە ئۆرلەيدىكەن.

ئامېرىكىنىڭ يېزائىگىلىك مىنىستېرلىگىدە ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن دىھقانچىلىق مەسىلىسى مۇتەخەسىسى زوتىەن جۈﯤ ئەفەندىمۇ خىتاينىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۆزىنى - ئۆزى تەمىنلەش سىياسىتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(مېھرىبان)