خىتايدا مىللىي زىددىيەتلەر كۈچەيمەكتە


2004.11.05

ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتايدىكى % 93 نوپۇسنى ئىگەللەيدىغان خىتايلار بىلەن 55 ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، خىتاينىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى،دۆلەت بىرلىكى ۋە خىتاي كومىنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۈتلىقىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغان سەزگۈر مەسىلە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ئۆتكەن ھەپتە خېنەندە قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كەڭ كۆلەملىك تۇڭگانلار ۋە خىتايلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش، خىتايدىكى ئىشسىزلىك ئېغىرلىشىۋاتقان، باي- كەمبەغەللىك پەرقى زورىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، مىللىي زىددىيەتنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىپ،ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالماقتا.

ئامېرىكا مەيئامىي ئۇنۋېرسىتېتى سىياسىي فاكولتىتىنىڭ پروفېسسورى، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى جۇن جۈەيئېر خانىم، قاتناش ۋەقەسىنىڭ مىللىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر بىرىگە نارازىلىق تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈكلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى:

ـ قاتناش ۋەقەسىدە ئادەمنىڭ ئۆلىشى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال. ئەمما بۇنداق بىر قاتناش ۋەقەسى ئادەتتە پەقەت كىشىلەردە غەزەپ- نەپرەتنى قوزغايدۇ. چوڭ كۆلەملىك زۇراۋانلىق توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولالمايدۇ. شوڭا مېنىڭچە بۇ ۋەقە تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز- ئارا ئىشەنمەسلىك ۋە نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.

پروفېسسور جۇن جۈەيئېر يەنە خىتايدىكى مىللىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەبنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

ـ مېنىڭچە خىتايدىكى مىللىي توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب، ئاز سانلىق مىللەتلەر، جەمئىيەتتىكى مەنپەئەتنىڭ ھەممىسىنى خىتايلار ئېلىپ كەتكەندەك، ئۆزلىرى خىتايدىكى مەنپەئەت سېستىمىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغاندەك، چەتكە قېقىلغاندەك ھىس قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، نۇرغۇن خىتايلارنى ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ.

نارازىلىق كەيپىياتلار كۈچەيمەكتە

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلۋېزىيىسىنىڭ ئامېرىكا ۋورۋېك ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى پىتىر فىردىنانتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بويان خىتايدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات نەتىجىسىدە ئىلگىركى مىللىي مۇناسىۋەتلەر ئۆزگەرگەن.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئىسلاھاتتا بىر قىسىم ھوقوقلارنى ھەر قايسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كىيىن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىگە سەل قارىغان. بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى نارازىلىق كەيپىياتلارنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇنىڭدىن سرت، خىتايلار ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولۇپ، ھەر قانداق خىتاي بولمىغان مىللەتنى خىتاينىڭ دۆلەت بىرلىكىگە تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قاراپ، چەتكە قاققان.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تىلۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە مىللىي زىددىيەتلەر ھەممىدىن ئۆتكۈر بولۇپ، خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ بۇ رايۇنلارغا كەڭ كۆلەمدە ئېقىپ كىرىشى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتاي تىلىنى ئۈگىنىشكە مەجبۇر قىلىنىشىمۇ بۇ خىل زىددىيەتلەرنىڭ كۈچىيىشىگە يول ئاچقان.

مىللىي زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى

خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى جۇن جۈەيئېر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە مىللىي تۇقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

ـ خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىمۇ مىللىي زىددىيەتلەرنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلەلمەيۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان باستۇرۇشنى كۈچەيتەي دىسە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايغا تېخىمۇ قارشى چىقىپ، ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىدە تېخىمۇ چىڭ تۇرىدىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بىپەرۋالىق قىلاي دىسە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياشلارنى تەربىيىلەپ چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ بىلدۈرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇنداق قىلالمايدۇ. چۈنكى كىشىلەر تۇرمۇشتا ئېشىنغاندا، باشقا مەسىلىلەرنى ئويلايدىغان ۋاقتى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.

ئامېرىكا ئوكلەن ئۇنۋېرسىتېتىدىكى خىتاينىڭ مىللىي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى لىندا بەنسىن بولسا، خىتايدىكى نۆۋەتتىكى مىللىي زىددىيەتنى كونترول قىلىشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

- ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلالايدىغىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىش. ئۇزۇندىن بويان مىللەتلەر ئۆز- ئارا بىر- بىرىگە ئىشەنمەيدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىن ئىنتايىن ئۈمۈدسىزلەندى. شوڭا بۇندىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى قانداق بىر بەلگىلىمە چىقىرىش ۋە ياكى يېڭى بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پىكىر تەلەپلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

لىندا بەنسىننىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، ئەگەر ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزلىرىنى كەمسىتىلىۋاتقاندەك ھىس قىلسا،ئۇ ھالدا مىللىي زىددىيەتلەر خىتايدىكى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىشسىزلىق ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ،خېنەندىكىگە ئوخشاش زوراۋانلىق تۇقۇنۇشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.