خىتايدىكى ساقچىلارغا قارشى زوراۋانلىق ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە نېمە سەۋەبچى؟

0:00 / 0:00

"بېيجىڭ كەچلىك گېزىتى" ساقچىلارغا قارشى زوراۋانلىق دىلولارنىڭ كۆپىيىشىگە نېمە سەۋەبچى ئىكەنلىكى ھەققىدە يۈزگۈزگەن مۇلاھىزىسىدە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ خېپىڭ قاتارلىق كىشىلەر "جەمئىيەتتە شەخسلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۆسۈشى ھەددىدىن تېز بولۇپ، ئىدارە قىلىشقا بويسۇنماسلىقنىڭ ئېغىرلىشىشى" ساقچىلارغا قارشى زوراۋانلىق ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئالدىنقى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

سەۋەبنى كىشىلەرنىڭ ھوقۇق ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئارتىش توغرا ئەمەس

گۈيجۇۋدا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ۋە ئىختىيارىي يازغۇچى زىڭ نىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەقىقەتەن خىتاي جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭى تېز ئاشقان. بىراق بۇ بىر ياخشى ئىش بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىش سەۋەبىنى پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئارتىش مۇۋاپىق ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

"خىتاي جەمئىيىتىدە پۇقرالار، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھەر زامان زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بىر ئاجىز ئورۇندا. بۇنداق شارائىتتا، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق قوغداش ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى بىر ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ھازىر خىتايدىكى بىر قىسىم ئىلمىي خادىملار جەمئىيەت توقۇنۇشىنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى ۋە شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش دىلولىرىنىڭ كۆپىيىشىنى خاتا ھالدا كىشىلەرنىڭ ھوقۇق ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئارتىپ قويۇۋاتىدۇ".

سەۋەپ ساقچىلارنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشىنىڭ توغرا بولماسلىقىدا

زىڭ نىڭنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى جەھەتتىكى قانۇن مۇكەممەل ئەمەس بولۇپ، ساقچىلار قانداق شارائىتتا مەجبۇرىي ۋاستىلارنى قوللىنالايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر بەلگىلىمە يوق ئىكەن. ئەمما ئۇ بۇ سەۋەبمۇ خىتايدىكى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئەمەسلىكىنى، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىر قىسىم ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىنىڭ توغرا بولماسلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى:

"خىتايدا ھەقىقەتەن ساقچىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولغانلىقتىن، قانۇننى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئاددى، قوپال ۋە ياۋۇزلارچە ۋاستىلەرنى قوللىنىدۇ. بۇنداق ياۋۇز ۋە زوراۋان قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋاستىلىرى كۆپ ھاللاردا زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب".

زىڭ نىڭ يەنە، ساقچى ۋە خەلق ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان خىتاينىڭ تۈزۈلمىسىدىكى چوڭقۇر قاتلامدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلمىغىچە، ساقچىلارنىڭ جابدۇقلىرىنى ياخشىلىغان بىلەنمۇ، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق ھوجۇمغا ئۇچراش ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدە خەلقنىڭ يۈرىكى مۇجۇلغان

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن گوللاندىيىدىكى بەختىيار ئەپەندى، بۇ ھەقتە توختىلىپ، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە 1995- يىلدىن كېيىن خىتاينىڭ داقچى دائىرىلىرىگە قارشى ھەرىكەتلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ يۈرۈكىنىڭ مۇجۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى خەلقنى قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رېجىمى، خەلققە بولغان ئېغىر بېسىمى ئىشىپ كەتكەنلىكتىن، خەلق ئۇنىڭغا چىدىمىغانلىقتىن، يەنى پىچاق سۆڭەككە يەتكەنلىكتىن، جەمئىيەتتە خىتاي ساقچىلىرىغا قارشى ھەرىكەتلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن".

خەتەرلىك سىگنال

ئامېرىكىدىكى خىتاي تىلىدا چىقىدىغان "كىشىلىك ھوقۇق" ژورنىلىنىڭ تەھرىرى يى پىڭ ئەپەندى، ئەگەر ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى مۇشۇنداق كۆپىيىۋەرسە، بۇنىڭ بىر خەتەرلىك سىگنال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:

"ئەگەر ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك يۈز بېرىدىغان ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالسا، ئۇ ھالدا بۇ خىتاينىڭ قانۇن تەرتىپىنىڭ گۈمران بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەتنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بولمىسا، ئۇ ھالدا جەمئىيەتتە ئادىللىق بولمايدۇ. خەلقنىڭ ئەرزىنى ئېيتىدىغان يېرى بولمىغاندىن كېيىن، ئۇلار ئاخىرى زوراۋانلىقنى تاللايدۇ. خىتايدا چىرىكلىك شۇنچىلىك ئېغىر، پۇقرالارنىڭ يېرىنى قالايمىقان تارتىۋېلىش، مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆپ، ھەقسىز ئىشلار كۆپ بولغاندىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ ئەلۋەتتە".

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىدىكى بىر مەسئۇل خادىم، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا "يامان غەرەز بىلەن خەلق ساقچىلىرىغا تۆھمەت چاپلايدىغان، زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئەرزلەر بارغانسىرى كۆپەيمەكتە" دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما زىڭ نىڭ ئەپەندى، كۆپ ھاللاردا، ساقچىلار ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇلۇشتا بىرەر سەۋەب بار بولۇپ، بۇنداق ئەرزلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى تۆھمەت چاپلاش دىيىلسە، ئادىللىق بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)