مۇبارەك رامازان ئېيى، ئۇيغۇرلار ئۇچۇن زۇلۇم ئېيىغا ئايلىنىپ قالدى

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستاندا 80 - يىللاردىن بۇيان يۈزبەرگەن " قاغىلىق ۋەقەسى،" " 19 - ماي ۋەقەسى،" " بارىن ۋەقەسى،" " خوتەن بەيتۇللا مەسچىتى ۋەقەسى،" " 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" قاتارلىق ۋەكىل خاراكتېرلىك زور سىياسى ھادىسىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە، پۈتۈنلەي كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنىي ساھەگە قاراتقان چىكىدىن ئاشقان بېسىم ۋە قۇتراتقۇلۇق سىياسىتى سەۋەبچى بولغان ئىدى. بۇ ھادىسىلەر پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىغىلا ئەمەس، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىگىمۇ سىياسى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە زور زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

رامازان ئېيىدا

مەسىلەن، دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قاتتىق ئاياق - ئاستى قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر مەزمۇنلار ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنىڭدىن ھېچبىر زامان ساۋاق ئالغىنى يوق، ئەكسىچە ئۇيغۇر موسۇلمانلىرىغا قاراتقان قۇتراتقۇلۇق سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ كەلمەكتە.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، مۇبارەك رامازان ئېيى، مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس ۋە خاسىيەتلىك بىر ئاي بولۇپ، رامازان كىرگەندىن بۇيان دۇنيا مۇسۇلمانلىرى تەنتەنە ۋە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى بىلەن روزىسىنى تۇتۇپ، ئىبادىتىنى قىلىپ، ئىسلامدا بۇيرۇلغان پەرىزلىرىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

ئەركىن دۇنيا ئەللىرىدىكى جامىيلار بايرام ھاۋاسىغا چۆمگەن بولۇپ، مۇسۇلمانلار ھېچبىر چەكلىمە ۋە بېسىمغا ئۇچرىماي، جامىىلاردا تىراۋىل نامىزىنى قىلىپ، ئىمامنىڭ خۇتبىسىنى ئاڭلاپ، ئۆزلىرىنىڭ جانابىي ئاللاھقا بولغان سۆيگۈسىنى ۋە مۇقەددەس ئىسلامغا بولغان ساداقىتىنى ئەركىن - ئازادە ھالدا ئىزھار قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر موسۇلمانلىرىچۇ ؟

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949 - يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، مۇبارەك روزا - رامىزاننى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا ئەركىن قۇتلۇقلاش ۋە مۇقەددەس ئىسلامدا بۇيرۇلغان پەرىزلىرىنى ئادا قىلىش ھوقوقىدىن ئىزچىل تۈردە مەھرۇم بولۇپ كەلدى. رامازان ئېيى ئۇلار ئۈچۈن تەنتەنە ۋە خوشاللىق ئېيى ئەمەس، بەلكى زۇلۇم ئېيى بولۇپ كەلدى. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئىسلامدا بەلگىلەنگەن مۇقەددەس ئاي ۋە كۈنلەرنى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى ئەڭ قاتتىق كۈچەيتىدىغان ئاي ۋە كۈنلەرگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئىدى.

" پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى مەسچىتلەرگە ئېلىپ كىرىش "

مەسىلەن بۇنىڭغا، " شىنجياڭ گېزىتى " دە 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئېلان قىلىنغان كىچىككىنە بىر خەۋەرنى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن. مەزكۇر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونى جەنوبىي ئازاتلىق كوچىسى ئىش بېجىرىش باشقارمىسى بىلەن، ئۈرۈمچىدىكى خانتەڭرى مەسچىتى بىرلىكتە، " پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى مەسچىتلەرگە ئېلىپ كىرىش " پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئازاتلىق كوچىسى ئىش بېجىرىش باشقارمىسى، نەنمىڭدىكى خانتەڭرى مەسچىتىنىڭ 20 نەپەر باشقۇرغۇچى خادىمىغا، " پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتچىسى گۇۋاھنامىسى " تارقىتىپ بەرگەن.

ئادەتتە ، مەسچىتنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرى دېگەندە، مەسچىتنىڭ ئىمام، مەزىنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ. دېمەك، مۇقەددەس رامازان ئېيىدا مەسچىتنىڭ ئىمام - مەزىنلىرىگە جامىيدا جامائەتكە كومپارتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان " پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى " نى تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان. دۇنيادا مۇقەددەس ئىسلامغا قىلىنغان بۇنىڭدىن چوڭ ھاقارەت بولمىسا كېرەك !

قورساقتىكى بالىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىش ۋە تۇغماسلىق ئوپىراتسىيىسى

چۈنكى ئىسلام دىنىدا، قورساقتىكى بالىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىش ۋە تۇغماسلىق ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇش قاتتىق چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ، پەقەت ئىسلام دىنىدا ئەمەس، ھەتتا پۈتۈن ساماۋىي دىنلاردا قاتتىق چەكلەنگەن ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي زاتلارغا ئاللاھنىڭ ئۆيى ھېسابلانغان جامىيلەردە مۇسۇلمان ئۈممەتلەرگە " پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى " نى تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قانچىلىك زور بىر سىياسىي بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا روشەن ئىپادىلەپ تۇرماقتا.

ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن چوڭ - كىچىك جامىيلەرگە بېرىپ قارىسىڭىز، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جامىينىڭ دەرۋازىسىغا چاپلانغان ئوخشاش مەزمۇندىكى 5 ماددىلىق بىر " ئۇقتۇرۇش " كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ، بۇ ئۇقتۇرۇشتا، تۆۋەندىكى 5 خىل كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە ۋە دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچىسى، پارتىيە - ئىتتىپاق ئەزالىرى؛ ئىككىنچىسى، دۆلەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلار؛ ئۈچىنچىسى، 18 ياشقا توشمىغان ياش ئۆسمۈرلەر، تۆتىنچىسى، كەنت كادىرلىرى؛ بەشىنچىسى، ئاياللار؛ بۇ " ئۇقتۇرۇش " نىڭ مەزمۇنى شۇنى ئېنىق كۆرسىتىدىكى، شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەرنىڭ ئىمام - مەزىنلىرىدىن باشقا پۈتۈن كىشىلەرنىڭ دېگۈدەك دىنىي پائالىيەت بىلەن شوغۇللىنىشى چەكلەنگەن.

" ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش كۇرسى"

ۋەتەندىن كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچىمۇ، رامازان كىرگەندىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتىن " ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش كۇرسى" دېگەن نامدا، پۈتۈن دىنىي زاتلارنى مەجبۇرىي سىياسىي ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا يىغىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ رامازان مەزگىلىدە خەلقى بىلەن بىرگە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، شەھەرلەردىكى ئىدارە - جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ھەتتا يېزىلارغىچە مەخسۇس " رامىزانلىق پايلاقچى " لارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىمنىڭ روزا تۇتقانلىقى، كىمنىڭ تىراۋىل نامىزى قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئارقىلىق، سىياسىي بېسىم، ئىقتىسادىي جازا ۋە تۈرلۈك تەھدىتلەر بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

يەنى، بۇيەردە خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان تۈپ سىياسىتى، پۈتۈن بىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تەل - تۆكۈس يوقىتىش سىياسىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ھەممىمىزگە ئايانكى، كىشىلىك ھوقوق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ بىرى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پرىنسىپلىرىدا ۋە ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىدا، ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى ماددىلار، ئەڭ ئاساسلىق نىزام سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئۆز پۇقراسىنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن ھەپىلەشكەن ۋە ئۆز خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەشكە، قىسىشقا ۋە يوقىتىشقا ئۇرۇنغان ھېچبىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت مۇقىم پۇت دەسسەپ تۇرالىغان ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەر زامان ھۈسران ۋە مەغلۇبىيەت بولۇپ كەلدى.

شۇڭا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان يۇقۇرقىدەك دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىمۇ، بۇ ھاكىمىيەتكە ئەسلا ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ ! (پەرھات مۇھەممىدى)