ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇيغۇر رايونى ئېكولوگىيىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى

مۆھتەرەم رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئىگە بولىشىمىزچە، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ساياھەتچىلىك چوڭ يىغىنى ئۈرۈمچىدە -20 ئىيۇل كۈنى ئېچىلىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بارلىق ئۆلكە شەھەرلىرىدىكى ساياھەت ئىدارىلىرىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق كىشى ، غەربى رايوننىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئېچىش ھەققىدە مۇزاكىرلەشمەكتە ئىكەن . بۇ جەرياندا خىتاي كومپارتىيىسى سىياسى بىيورو ئەزاسى ، ئۇيغۇر رايونى پارتىكوم سېكىرتارى ۋاڭلېچۇەن، خىتاي دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى باشلىقى خې بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېچىشقا، پايدىلىنىشقا بولىدىغان ساياھەت مەنبەلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ قاناس كۆلى، بۇغدا كۆلى قاتارلىق مەشھۇر ساياھەت ئورۇنلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن خىتايغا ئېچىشنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى يەنىمۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن . ھەمدە ساياھەتچىلىك ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ دەپ تونۇشتۇرغان .

خىتاي ساياھەت مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ئۇيغۇر رايونىدىكى ساياھەت تۈرلىرى 56 خىلغا يەتكەن بولۇپ پۈتۈن خىتاينىڭ ساياھەتچىلىك تۈرلىرىنىڭ 83% نى ئىگەللەيدىكەن . گەرچە خىتاي ھۆكىمىتى، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىنىڭ بارلىق مەنزىرىلىك جايلىرىنى، ئاسارە ئەتىقە ئورۇنلىرىنى ساياھەتچىلىككە ئېچىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىكى ساياھەتچىلىك ساھەسىنىڭ بۇ خىل تېز سۈرئەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر رايونىغا ئەسلىگە كەلتۈرگۈزسىز بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، يەنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك جەھەتتىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ھادىسىلىرىنىڭ ئادەملەر تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىقى مەلۇم . مۇشۇ بىر- ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونى ئاخپاراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىستاتېستىكىلىك مەلۇماتلاردىكى ئۇيغۇر رايونىغا ئېغىر ئاپەت كەلتۈرىۋاتقان ئېكولوگىيىلىك ئۆزگۈرۈش ھالەتلىرىدىن بىر قانچە ئۈلگۈلۈك مىسالنى ئېلىپ ئۆتۈش بۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ :

ئۇيغۇر رايونى مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ -2003 يىلى -3 ئايدا ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا، ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى پاالىيىتىنىڭ ئېشىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چۆللىشىشى كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ يىلىغا 400 كىۋادىرات كېلومېتىر يەر چۆللۈككە ئايلانماقتا دەپ كۆرسىتىلگەن . يەنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 87شەھەر ۋە ناھىيىلىرىنىڭ 80نىدە چۆللىشىش كۆرۈلگەن . مەزكۈر دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى تېرىلغۇ ۋە يايلاقلارنىڭ داۋاملىق قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقى، مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمىنىڭ كىچىكلەۋاتقانلىقى، شەھەرلەرگە ئېىقپ كىرىدىغان، دەريا سۇيى ھەم يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ بۇلغۇنىشىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن . ھەمدە بۇ خىل ئېكولوگىيىلىك بۇزۇلۇش بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىلا بار بولغان نۇرغۇن قىممەتلىك ئۈسۈملۈك ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇش گىردابىغا يەتكەنلىكى ئوتتۇرغا قويۇلغان .

دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان جەنۇبى سىبىرىيە تىپىدىكى ھايۋان ۋە ئۈسۈملۈكلەر بار بولغان، ئاجايىپ گۈزەل تەبىئى مەنزىرىگە ئىگە قاناس كۆلى ساياھەت رايونىنىڭ ساياھەتچىلەرگە ھەددىدىن زىيادە ئېچىۋېتىلىشى بىلەن ، بۇ گۈزەل جايمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا . قاناسنىڭ ئېكولوگىيىلىك بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى ھەققىدە بۇلتۇر ۋە بۇ يىل ئېلان قىلنغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، قاناس كۆلىگە كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر سانى كۈنىگە 4500ئادەمدىنمۇ ئاشقان بولۇپ بايرام ۋە ساياھەت پەسىللىرىدە ھەتتا كۈنىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر 8000غا يەتكەن . ساياھەتچىلەرنىڭ قالايمىقان تاشلىغان ئەخلەتلىرى بۇ جاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى بۇزۇپلا قالماي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن . كۆل سۈيىمۇ ئىلگىرىكى سۈزۈكلىكى بۇلغانغان . بۇ جايدىكى ياۋا گۈل- چېچەكلەر دەسسەپ چەىنىلىپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ بۇزۇلغان . ياۋايى ھايۋاناتلىرىمۇ ئازلاپ كەتكەن .

ئۇيغۇر رايونى تور بېتىدە بېرىلگەن ھەيران قالارلىق خەۋەرنىڭ يەنە بىرى، -19ئىيول كۈنى، بۇغدا تېغىنىڭ مەلۇم چوققىسىدىن بىرىدا 6 توننا كېلىدىغان ئەخلەت دۆۋېسى تېپىلغان . ئىگەللىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن، دۇنياغا مەشھۇر ساياھەت رايونى بولغان بۇغدا كۆلى ئەتراپىمۇ كۈنىگە نەچچە ئون مىڭلاپ كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ تاشلىغان ئەخلەتلىرى بىلەن بۇلغانغان . بۇغدا چوققىلىرىدىكى قار لەيلىسى قاتارلىق قىممەتلىك دورا ئۆسۈملۈكلەر قالايمىقان كولىنىپ يوقاش ھالىتىگە كېلىپ قالغان . يەنە تۇرپاندىكى يارغۇل قەدىمى شەھرى،، ئىدىقۇت قەدىمى شەھرى قاتارلىق قەدىمى شەھەر ئىزنالىرى، كارىز ساياھەت رايونى قاتارلىق تارىخىي ئارخولوگىيىلىك جايلارغا خىتاي ۋە باشقا ئەللەردىن ھەر يىلىغا كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بىر مىليوندىنمۇ ئاشىدىكەن، بۇ تۇرپان شەھەر نوپوسىنىڭ 20ھەسسىدىنمۇ ئارتۇق .

-2003 يىلى -11ئايدا خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى تۇرپاندىكى 596دانە كارىزدىن 240 نىڭ سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى ، بۇ يىل ئاپرىلدا يەنە كارىز ساياھەت ئورنىدىكى بىر كارىز كۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ كەتكەن . تۇرپان قۇمۇل پىچان خەلقىگە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھاياتلىق مەنبەسى ئاتا قىلىپ كەلگەن كارىزلارنىڭ قۇرۇپ بۇزۇلۇپ كېتىشتەك ھالىتى تۇرپاندىكى خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىمۇ ئەندىشىگە سالغان بولۇپ ئۇلار ئۆتكەن يىلى ئېچىلغان ئۇيغۇر رايونى خەلق قۇرۇلتېيىدا كارىزلارنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشنى جىددى تەلەپ قىلغان ئىدى . بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇھىت قوغداش تارماقلىرى بارىكۆل، كەڭساي يايلاقلىرىنىڭ بۇزۇلىشى، ئىلى، تارىم دەريالىرىدىكى بىر نەچچە خىل بېلىقلارنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇشى، ئاققۇ كۆلى، سايرام كۆلى، باغراش كۆللىرىنىڭمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئادەملەر تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچراش سەۋەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇ جايلارنىڭ قارا قويۇق ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىلگەنلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە ماقالىلار ئېلان قىلغان ئىدى . ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە ساياھەتچىلىككە قولاي بولۇش ئۈچۈن ئاساسىي ئەسلەھە قۇرۇلۇشلىرى تېز سۇرئەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ۋاڭلېچۇەننىڭ ساياھەتچىلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە قارىغاندا جەنۇبى شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇش تۆمۈر يول قۇرۇلىشى، يەنە تۇرپاندىن كورلىغىچە، ئىلىدىن شىخوغىچە، قارىمايدىن ئالتايغىچە قاتارلىق تومۇر يول كېڭەيتىش قۇرۇلۇشلىرى پات ئارىدا تاماملانماقچى ئىكەن ھەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە ھەمدە خەلقارالىق ھاۋا يولى پىلانلىرىمۇ ئەمەلگە ئاشسا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساياھەت ئىشلىرى تېخىمۇ تېز قەدەمدە تەرەققىي قىلىدىكەن . ئەمما چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى قارا قويۇق ساياھەتچىلەرگە ئېچىش ھەركىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ ئېغىر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىماقتا.