0:00 / 0:00
2005-يىلى 25-نويابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق پەن-مەدەنىيەت، مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى Koïchiro Matsuura ئەپەندى "12 مۇقام" ۋە "دولان مۇقامى" قاتارلىق ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن "دۇنيا شەكىلسىز بايلىقلار قامۇسى" غا كىرگزۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ياۋروپادا ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان لەيلى خانىم مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتىنىڭ ياۋروپادىكى تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئەسەر كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە توختالدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ لەيلى خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.