
دارۋازلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئەنئەنىۋىي ئۇيۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخى مەنبەلىرىگە نەزەر سالغاندا ئۇيغۇرلار قەدىمكى كۆك تەڭرىگە بولغان سېغىنىش ۋە يۈكسەك ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يەردىن مۇئەللەق تۇرىدىغان ئىگىز دارلارنى باغلاپ ئۆزلىرىنىڭ كۆككە ئىنتىلىش روھىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي قارىشىدا دار ئۈستى (تەختىراۋان) گە چىقىش گوياكى تەڭرى ماكانىغا چىققانلىق ھىسابلىناتتى. شۇڭا خەلقنىڭ ئارىسىدا دارغا چىقىدىغان دارۋاز ئالاھىدە ئۇلۇغلانغان ۋە مۈقەددەسلەشتۈرۈلگەن ھەمدە دارغا چىقىش تەنتەنىلىك مۇراسىم شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۇيغۇر دارۋازلىقى يالغۇز ئۇيغۇرلار ئارىسدا مەدھىيىلىنىپلا قالماستىن، پۈتكۈل دۇنيا ئەھلى ئارسىدىمۇ مەدھىيىلەنمەكتە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر دارۋازلىقىنى خەلقئارادا تونۇتقان مەشھۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇر، ئەنە شۇ مەدھىيىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگۈچى ئۇيغۇر پەلۋانلارنىڭ بىرى.
تېخى ئۆتكەن ھەپتىلا، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا "پەلەك شاھى " ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە ئادىل ھوشۇرنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ماھارەتلىرى كۆرسۈتۈلىپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن تاماشابىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. تېخىمۇ مۇھىمى مەزكۈر فىلىم تۇنجى قېتىم دۇنيا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ھۆججەتلىك فىلىمى ھىساپلىنىپ تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ماھارەت كۆرسىتىۋاتقان ئادىل ھوشۇر ئەپەندىنى تېلفۇن ئارقىلىق زىيارەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇق:
بىز يەنە "پەلەك شاھى" ناملىق فىلىمنىڭ رېجىسسورى، ئامېرىكىنىڭ چىكاكگو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق دىبرا سېترۇتمان خانىمنى زىيارەت قىلدۇق، بىز ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن مەزكۈر فىلىمنى ئىشلەشكە قىزىقىپ قالغانلىقىنى ۋە فىلىمنى قانچىلىك ۋاقىتتا ئىشلەپ بولغانلقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى:
" مەن دۇنيانىڭ بۇ رايونىغا يەنى شەرقىي تۈركىستانغا قىزىقىپ قالدىم، چۈنكى تۆت ئەتىراپى تاغلار بىلەن ئورالغان بۇ دىيار تۈرلۈك مەدىنيەتلەرنىڭ بۆشۈكى، بۇ زىمىننىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلىشى ۋە ئۇيغۇر مىللىتى ھەققىدە يېزىلغان كىتاب ۋە ماتىرىياللارنى ئوقۇپ، ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قىزىقىپ كەتتىم. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە ئويۇنى دارۋازلىق ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى كۆز ئالدىمغا نامايەن قىلدى، دارۋازلىق كۆركەم، ھەيۋەتلىك، ئىنتايىن يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان قېيىن بىر خىل تەنتەربىيە ئويۇنى بولۇپلا قالماستىن ئۇيغۇرلارغا سىممۇۋۇللۇق قىلالايدۇ. دىمەك ئۇيغۇرلار ماڭا، نۆۋەتتە سىياسىي، مەدىنىي ۋە دىنىي ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خۇددى دار ئۈستىدە ئېھتىيات بىلەن مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، شۇڭا مەن بۇ فىلىمنى ئىشلەش قارارىغا كەلدىم."
دىبرا سېتراتمەن خانىمدىن يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا مەزكۈرفىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا، ئۇيغۇرلارھەققىدە نىمىلەرنى ھىس قىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى:
"مېنىڭ كىشىلەر بىلەن بىمالال پاراڭلىشىشىم قېيىنغا توختىدى، ئۇ يەردە كىشىلەر تولىمۇ ئېھتىياتچان، بولۇپمۇ سىياسىي مەسىللەردەتېخىمۇ شۇنداق، شۇڭا كىشىلەر ئەركىن مۇنازىرە ئېلىپ بارالمايدىكەن، مەن بىلەن كۆرۈشكۈچىلەرمۇ گەپ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىپ تۇرۇپ پاراڭلاشتى، شۇنداق تۇرۇغلۇق مەن يەنىلا شۇنى ئوچۇق ھىس قىلدىمكى، ئۇيغۇرلار ئۆز مەدىنيىتىنى ساقلاشتا ناھايىتىمۇ قېيىن ۋەزىيەتتە ئىكەن، قىسقىسى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش چەكلەنگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدىنيىتى تەسۋىرلەنگەن كىتابلار كۆيدۈرۋىتىلگەن، ئىمامغا ئوخشاش دىنىي زاتلار دىن ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئەمەس بەلكى ھۆكۈمەت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدىغان قورالغا ئايلانغان، ئۇيغۇرلار گەرچە ئۇيغۇر مەدىنيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ ئەپسۇس بۇ مېنىڭچە بەكمۇ قېيىن، ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 11 - سېنتەبىردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى تېررورچى قىلىپ كۆرسەتتى ۋە تېررورچى دەپ ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچى دەپ كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەسلىدە تېررورچى ئەمەس، بەلكى تېنچلىقپەرۋەر، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدىنيەتلىك بىر خەلق ئىدى . "
ھەقىقەتەن، پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرى پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇردىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ پەلەك ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇر نامىنى تەڭرى ماكانىغا كۆتۈرۈپ چىقىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ.