0:00 / 0:00
ئۇيغۇر دارۋاز پادىشاھى ئادىل ھوشۇر، ئۇيغۇر دارۋاز ماھارىتىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا خەلقىگە نامايەن قىلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا. ئادىل ھوشۇر يېقىندا ئىتالىيىنىڭ "پولات سىم ئۈستىدىكى ئادىل ھوشۇر " ناملىق فىلىمىگە تەكلىپ قىلىنىپ، ئىتالىيىدە مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن نەق مەيدان شارائىتىنى تەكشۈرۈشكە بارغان. ئۇ ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.