خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلاردا بىلدۈرۈلىشىچە، ئەيدىز كېسىلى 80 - يىللارنىڭ بېشىدا، خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ھىرويىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغۇچىلار ئارىسىدا تۇنجى قېتىم بايقالغان بولۇپ، 2004 - يىلىنىڭ بېشىغىچە، خىتايدىكى رەسمى تىزىمدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 84 مىڭغا يەتكەن. 2004 - يىلى تايلاندنىڭ بانكوك شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارالىق ئەيدىز يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 850 مىڭدىن ئاشقان. بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشىدىكەن.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان دوكتور مۇھەممەت ئېمىن ئەپەندى ۋە غۇلجىدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق.
تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدىن ئاڭلاڭ.