ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى

0:00 / 0:00
AbubekirQasim-200.jpg
ئالبانىيەدىكى 5 ئۇيغۇرنى زىيارەت. سۆزدە، ئابابەكرى قاسىم. Photo by RFA/Erkin Tarim

گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەممە ئۇيغۇر قىزىقىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇلارنىڭ تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە چىقىش جەريانىنى بەلكى ھەممىمىز دېگۈدەك خەۋەرلەردىن قىزىقىش ۋە تەشۋىش ئىچىدە ئاڭلىغان بولۇشىمىز مۇمكىن.

مانا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلار ئالبانىيىگە يەرلىشىپ نورمال ھايات باشلىغىلىمۇ 15 ئاي بولۇپ قاپتۇ. ئۇنداقتا، ئۇلار ئالبانىيىدە قانداق تۇرىۋاتىدۇ، نېمىلەر بىلەن مەشغۇل بولىۋاتىدۇ، بۇ جەرياندا نېمىلەرنى ھېس قىلدى، كەلگۈسىدىن نېمىلەرنى كۈتىۋاتىدۇ؟ ئەلۋەتتە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بۇ مەسىلىلەرگىمۇ قىزىقىشى مۇمكىن.

بىز 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئالبانىيىنىڭ تىرانا شەھىرىگە ئۇلارنى يوقلاپ بارغىنىمىزدا ئەبۇبەكرى قاسىم باشچىلىقىدىكى گۇەنتانامودىن ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلار بىلەن يۇقىرىدىكى تېمىلار ئاساسىدا مۇڭداشقان ئىدۇق. ئالبانلار تىل ۋە ئۆرپ - ئادەت جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمىغاچقا، ئۇلار، ئۇيەردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىردىن - بىر ئارزۇسىنىڭ تىلى ۋە ئۆرپ -ئادىتى ئۆزىگە يېقىن بولغان قېرىنداش، دىنداش دۆلەت بولغان تۈركىيىگە كېلىپ ياشاش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. (ئەركىن تارىم)