كانادادا چىقىدىغان "تورونتو قۇياش" گېزىتىدە، پېتىر ۋورتىڭتۇن ئاپتۇرلىقىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئاپتور ماقالىدا كانادا پۇقراسى ھۈسىيىن جېلىل ھەققىدە توختىلىپ، كانادانىڭ نېمە ئۈچۈن ھۈسەيىن جېلىلغا مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەنمەك تەس، دېگەن.
ئۇنىڭ مەزكۇر ماقالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئاپتور ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياخشى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن خاتا كۆز قاراشلارنى بايان قىلغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوف بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن مەزكۇر گېزىتنىڭ تەھرىرىگە خەت يېزىپ، پېتىر ۋورتىڭتوننىڭ قارىشىنى خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەر تۇتۇۋالغان كانادا پۇقرالىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خەتەرلىك ئۈلگە، دەپ كۆرسەتتى. بايانتتا، " ھەقلىق بولمىغان سەۋەبلەر بىلەن چەتئەلدە تۇتۇپ قېلىنغان كانادا پۇقرالىرىنى قوغداش كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسى قانۇندىكى مەجبۇرىيىتى، " دەيدۇ.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
