ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن، ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىغا بېغىشلىغان سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر سىياسەتچىلەرنىڭ بىرى.

ئاخىرقى كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاشتەك ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەركىن ئالپتېكىن، رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.