
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، كانادا ۋە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكى، ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمان ئانىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى، ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى پىلان ھەم ئىستراتېگىيىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.
بىز ئالدىنقى پروگراممىمىزدا، ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بىلەن يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئۈستىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۇ شۇ قېتىم، ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ كانادا ۋە ئامېرىكىدادىكى زىيارىتى جەريانىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.