"ئاسىيا ھەپتىلىك ژورنىلى"، يېقىنقى سانىدا بىر پارچە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يېقىندىن بۇيان زىيالىيلار سېپى ۋە ئاخبارات ساھەسىگە بولغان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.
"خىتايدىكى زىيالىيلار ساھەسى يەنە بىر قەھرىتان قىشقا دۈچ كەلدى" دىگەن مەزكۇر ماقالىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ساھەسى ۋە زىيالىيلار سېپىگە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىر نەچچە دەلىللەر مىسالغا ئېلىپ چۈشەندۈرۈلگەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى يېقىندا ئاخبارات ساھەسىگە " ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇش" ھەققىدە 29 - نومۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈرگەن، ھەمدە تەشۋىقات بۆلىمى باشلىقى لىيۇ يۈنشەن ھەر قايسى مەتبۇئاتلارنى پارتىيىنىڭ زۇۋانى بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى يەنە، خىتايدىكى داڭلىق لىبىرال يازغۇچىلاردىن لىيۇ شياۋبو، يۈجې قاتارلىقلارنى ساقچىلار سوراققا تارتقان. بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يىل 11 - ئايدىن بۇيان يۈز بەرگەن.
"ئاسىيا ھەپتىلىكژورنىلى" مەزكۇر ماقالىسىدا، "گەرچە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرى بىر ئىللىق قىشنى كۈتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما زىيالىيلار سېپى ۋە ئاخبارات ساھەسى پەۋقۇلاددە قەھرىتان بىر قىشقا دۈچ كەلمەكتە" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئاخبارات ساھەسىگە تۇتقان سىياسەتلىرى
ئاخبارات ساھەسى ۋە زىيالىيلار سېپىگە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش دەل خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ھوقوقىنى مۇستەھكەملىگەن بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. ئىلگىرى چەتئەلدىكى ۋە خىتايدىكى بىر قىسىم ئانالىزچىلار، خۇ جىنتاۋنى بىر مۆتىدىل ئىسلاھاتچى بولىشى مۇمكىن دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە بىراز يۇمشاق قول سىياسەت قوللىنىشىنى كۈتكەن ئىدى.
ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىشلىرى كۈزەتكۈچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ساھەسىگە تۇتقان سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دىدى:
خىتاينىڭ سىياسىتى بىر- بىرىگە زىتمۇ؟
خىتاي مەركىزى تەشۋىقات بۆلىمى11 - ئاينىڭ ئاخىرىدا چۈشۈرگەن 29 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مەتبۇئات ساھەسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، " خىتايدىكى مەتبۇئاتلار غەرب مەتبۇئاتلىرىمۇ قىلىشقا پېتىنالمىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، يەنى غەربنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىنى كۆككە ئۇچۇرۇپ، خەلق ئارىسىدىكى ھوقۇق قوغداش ھەرىكەتلىرىنى بولىشىغا كۆپتۈرىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما خىتاي ئەمەلدارلىرى يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدا ئەدىلىيە سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋە ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئىككىسى بىر- بىرىگە زىت كەلمەمدۇ؟
خىتايدىكى داڭلىق يازغۇچى ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز - قاراشلىرىنى مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويدى:
- بۇنداق زىددىيەت خىتايدا ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت. بۇ پۈتۈنلەي، بارلىق سىياسەتلەرنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خىتاي رەھبەرلىرى قايسى جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى خالىسا، شۇنى ياقلايدۇ. قايسى جەھەتتىن ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداشنى ئويلىسا، قارشى نۇقتىدىن چىقىپ سۆزلەۋېرىدۇ. بۇ مەسىلىدە ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن بىردەك، ئېنىق بىر نەزىرىيىسى بولغان ئەمەس. مەسىلىنىڭ يىلتىزى، قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش. ھەر قانداق مەسىلە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىد ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ.
ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى شۇڭا خۇ جىنتاۋ باشچىلىقىدىكى يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ بىر تەرەپتىن خەلقپەرۋەر ئوبرازنى يارىتىشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي پىكرى ئوخشاش بولمىغانلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاسىيا ھەپتىلىك ژورنىلىدىن سىرت ، ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەتبۇئات ۋە زىيالىلار سىپىگە بولغان كونتروللۇقىنىڭ كۈچىيىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)