خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، ھەرقايسى ئەللەردىكى يازغۇچىلارنىڭ پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكى، دوستلۇقى ۋە ئەقلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان دۇنياۋى يازغۇچىلار تەشكىلاتى، شۇنداقلا بۇ تەشكىلات ب د ت ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشىگە مەسلىھەتچىلىك قىلىدىغان خەلقئارا ئاممىۋىي تەشكىلاتتۇر.
مەزكۇر تەشكىلات يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، پۇقرالارنىڭ سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر بولسا بۇ ئورگاننىڭ ئۇيغۇر شۆبىسىنى قۇرۇش تەييارلىقىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر قەلەمكەشلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ۋە سۆز قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ يوق دىيەرلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلىشماقتا.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، تونۇلغان شائىر كۆرەش ئاتىخان ئەپەندى ۋە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا خانىم بىلەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.