0:00 / 0:00
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئايگۈل يۈسۈپ خانىم نورۋىگىيىدىن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئاياللارنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش يىغىنىغا قاتنىشىشقا كېلىپ، قايتىشىدا ئىستانسىمىزدا زىيارەتتە بولدى ۋە ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كېلىپ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان فەرىدە خانىممۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.