خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش پىلانى 2002 - يىلى رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلانغان ئىدى،شۇندىن ئېتىبارەن يىلىغا بىر مىليون ئەتراپىدا ياش ئەمگەك كۈچلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت- كارخانىلارغا ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكچى بولغان ئىشلەمچىلەرنىڭ سانىنى بۇ يىل بىر مىليون 200 مىڭغا يەتكۈزمەكچى . بۇنىڭ يېرىمىنى يېزىلاردىكى دېھقان ئەمگەك كۈچلىرى تەشكىل قىلىدىكەن، ئۇيغۇر ئېلىدىن ھازىرغىچە يۆتكەلگەن بۇ ئىشچىلارنىڭ ئىچىدە توي قىلمىغان ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدۇ . ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا تۈركۈملەپ مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ بارغان جايلىرىدا ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلىگە ئۇچراتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە تۈركۈملەپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان ۋەزىيەت، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. شۇ سەۋەبلىك مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە، يېقىندا ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان ئاياللارنى دېموكراتىيە ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش يىغىنىغا كەلگەن ۋەكىللەردىن قازاقىستان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەكىلى، قازاقىستان ئۇيغۇر ئانىلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا خانىم، كانادا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەكىلى رۇقىيە خانىم، ئاۋستىرالىيىدىن يېتىپ كەلگەن خانىم - قىزلار ۋەكىلى زۇبەيرە خانىملارنى مۇلاھىزىگە ئۇيۇشتۇردى.