خىتاينىڭ دىكتاتورلىقىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئايلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورىنى ناھايتى تۆۋەن

0:00 / 0:00

ياۋروپادا ياشاۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولغان، ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە ياۋروپادا ئالى تەربىيە كۆرگەن بىر ئۇيغۇر ئايال تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپادىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشقان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئاياللارنىڭ جەمئىيەت، ھاكىمىيەت، ئائىلە ۋە مائارىپ جەھەتتىكى ئورىنى بىلەن خىتاينىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ جەمئىيەت، ھاكىمىيەت، ئائىلە ۋە مائارىپ جەھەتتىكى ئورىنى سېلىشتۇرۇپ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا خىتاينىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلمايدىكەن ياكى تۈزۈلمە جەھەتتىن دېموكراتىيىگە قاراپ ماڭمايدىكەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ داۋاملىق بۇ ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.