0:00 / 0:00
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 2001-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن نېپالغا قىچىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئابدۇشۈكۈر قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى 2005-يىلى 11-ئايدا شۋېتسىيىگە ماكانلاشقان ئىدى.
يېقىندا گېرمانىيىگە زىيارەتكە كەلگەن ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنى گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنى "شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق پارتىيىسى" نىڭ ئەزالىرى دەپ ئاتىغان بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، خىتاي زىندانلىرىدا تارتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى شۇنداقلا نېپالدىكى ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.