ئازاربەيجاننىڭ رومىنىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت

0:00 / 0:00

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇستەقىللىققە ئېرىشتى. بۇ مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىپ، ئورتاق تىل، ئورتاق دىن ئورتاق مەدەنىيەت ۋە ئورتاق تارىخ مەسىلىلىرى بويىچە تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتايلىرىنى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى چاقىرماقتا.

9-ئايدا رومىنىيىدە 11-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. مەزكۇر قۇرۇلتاي ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە بىرمۇنچە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلدى ۋە مۇھىم قارارلارنى ئالدى. شۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدىن كېيىن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئازاربەيجاننىڭ رومىنىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

تۆۋەندە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنى ئاڭلاڭ.