خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ بانكا ساھاسىدىكى مەسىلىلىرى ھەققىدە


2004-10-14
Share

يېقىندا ئاسىيا بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ نىۋيورك شەھىرىدە خىتاينىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر:“خىتاينىڭ بانكا سېستىمىسى دۇنيابويىچە ئەڭ چوڭ خەۋپ - خەتەرگە يولۇقىۋاتقان بانكا سېستىمىلىرىنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي بانكا سېستىمىسىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە يولۇقىشىدىكى سەۋەپ

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە: خىتاي بانكا سېستىمىسىنىڭ بۇنداق چوڭ خەۋپ-خەتەرگە يولۇقىشىدىكى سەۋەپ قالايمىقان ھىساۋاتلارنىڭ تاغدەك دۈۋىلىنىپ كەتكەنلىكتىن قورۇلمىنىڭ ساغلام

ۋە مۇكەممەل بولمىغانلىقىدىن ھەمدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىلارنىڭ داۋاملىق ھالدا يېڭى تۈردىكى قالايمىقان ھىساۋاتلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىدىن ئىكەن.

خەلقئارا پۇل مۇئامىلە نازارەت ئورگىنىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە: خىتاينىڭ بانكا سېستىمىسىنى نازارەت ئاستىداباشقۇرۇش بەكمۇ تەس بولغان.چۈنكى خىتايدىكى 4 چوڭ بانكىنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىلار بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەت مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان. مەسىلەن: خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل يىل بېشىدا خىتاي بانكىسى ۋە خىتاي قۇرۇلۇش بانكىسىغا 45 مىليارد ئامىرىكا دوللىرى ئاجىرتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق، قالايمىقان ھىساۋاتلارنى بىرتەرەپ قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە بۇ ئىككى بانكىغاقالايمىقان ھىساۋاتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن 3 قېتىم پۇل ئاجراتقان. لېكىن ئۇلار ھەرقېتىمقى ھىساۋات توغرىلاش خىزمىتىدىن كېيىن، يەنىلا ئەسلىدىكى قىياپىتىگە قايتىپ، ھىساۋات قالايمىقانچىلىقىغا دۆچ كەلدى.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ بانكا سېستىمىسىدىكى قالايمىقانچىلىق

خىتاينىڭ بانكا سېستىمىسىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان ھىساۋات جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق مەسىلىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى بانكىلاردىمۇ ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا زور تەسىر يەتكۈزمەكتە. ئۇيغۇر رايونىنىڭ بانكا سېستىمىسىدىكى بۇ خىل قالايمىقانچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەپلەر ھەققىدە،ۋەتەندە ئۇزۇن يىل بانكا ساھەسىدە ئىشلىگەن نادىرە خانىم ئۆز ئوي پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دىدى:

خىتاينىڭ بانكا سېستىمىسىدىكى قالايمىقانچىلىق ئىقتىسادنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەفەندى : "خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىركۈچىنىڭ بېرىچە بۇخىل بانكا سېستىمىسىدا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان ھىساۋات قاتارلىق جەھەتلەردىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا، لېكىن مەنچە ئۇلار ھەقىقى چارە تەدبىرلەرنى قوللانمىغانلىقتىن، بۇخىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئالالىشى تەس،ئەكسىنچە بۇ خىل ھالەت تېخىمۇ بەك ئېغىرلىشىپ، ئاخىرىغا بېرىپ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن" دەپ پەرەز قىلماقتا. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت