0:00 / 0:00
بارىن ئىنقىلابى ئۇيغۇرلارنىڭ 90 - يىللاردىكى بىر قېتىملىق خەلق ئازادلىق كۈرىشىنىڭ نەمۇنىسىدۇر. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ بۇ كۈننى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
60 - يىللاردىكى ئازادلىق كۈرەشلىرىگە قاتناشقان، ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئابدۇرېشىت ھاجىم ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بارىن ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىسى زەيدىن يۈسۈپ ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.