بارىن قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپنىڭ سەپدىشى ئابدۇرېھىمجان بىلەن سۆھبەت


2007.04.05

1990‏-يىلى 4‏- ئاينىڭ 5‏- كۈنى يەنى بۇنىڭدىن 17 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارىن يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان قوزغىلاڭ، زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن پىلانلانغان بولۇپ، زەيدىن يۈسۈپ بۇ قوزغىلاڭنىڭ تەشكىللىنىشىدە، پىلانلىنىشىدا ھەمدە خەلقنى بۇ قوزغىلاڭغا قاتنىشىقا قايىل قىلىشتا ئاساسلىق رولنى ئوينىغان. نېمىشقىدۇر بارىن قوزغىلىڭى يۈز بەرگەندىن كېيىن چىققان خەۋەرلەردە دەسلەپتە قوزغىلاڭنىڭ ئوبۇلقاسىم ئىسملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بارىن ھەرىكىتىنىڭ دەرۋەقە زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىقلاندى.

بارىن قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپنىڭ سەپداشلىرىنىڭ بېرى، بارىن ھەرىكىتىنىڭ ھارپىسىدا بارىن قوزغىلىڭىنى تەشكىللىلگەنلەر ئوتتۇرىسىدا، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش-كۆتۈرمەسلىك مەسىلىسى ئۈستىدە بولۇپ ئۆتكەن مۇنازىرىلەردە زەيدىن يۈسۈپنىڭ "بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمىز، ئۆزىمىزنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تونۇتۇشتىن ئىبارەت" دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بارىن قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى نېمە ئىدى؟ بۇ قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان زەيدىن يۈسۈپ قانداق بىر خاراكتېرگە ئىگە ئىدى؟ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، بارىن ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپنىڭ يېقىن سەپدىشى بولغان ۋە بارىن ھەرىكىتىنىڭ ھارپىسىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلگەن ‏- كەلمىگەنلىكى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەرگە قاتناشقان، ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئابدۇرېھىمجان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بارىن ھەرىكىتى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.