ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون ھۆكۈمىتى، قىزىلما بايلىقلارنى ئېچىش تەرتىپىنى تۈزەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى كەڭ تەشۋىق قىلماقتا.
25 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: "چارلاش ئىجازەتنامىسى، كان ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاش ئاساسىدا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قالايمىقان ئېچىش قېزىش ئەھۋاللىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئىجازەتنامىسىز ، قانۇنسىز ئېچىش - قېزىش قىلمىشلىرىنى مەنئىي قىلىپ، كان ئېچىش ھوقۇقىنى تەستىقلاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، گېئولوگىيىلىك چارلاش ۋە قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشقا بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى".
خەۋەردە يەنە "ئۇيغۇر ئېلىدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ، شەھەر، 48 ناھىيە 51 كان ۋە شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلىكىدىكى 12 كۆمۈر كان چارلاش رايونىدا نەق مەيداندا تەكشۈرگەنلىكى ھەمدە مەلۇم مىقداردا ئىقتىسادىي جازا قويۇلۇپ، تولۇقلىما ھەققى يىغىۋىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. ئومۇمەن خەۋەردىن، بۇ رايوندا قىزىلما بايلىقلىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش ھەرىكەتلىرى قەتئىي چەكلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
نۆۋەتتە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر زېمىنىدىكى بايلىقلاردىن بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىلچىلىك مەنپەئەتلەنمەيۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس دوكلات ھازىرلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دۆلەت تېررورچىلىقى ئىشلىتىپلا قالماي، بەلكى بۇ زېمىننىڭ قىممەتلىك مەدەن بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بىلەن كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى رۇقىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىزىلما بايلىقلارنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشتىكى مەقسىدى ھەققىدە توختالدى.