تارىخشۇناس ئالىم باي مىرزا ھېيتنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدىكى قاراشلىرى (1)


2006.05.11

مەشھۇر تارىخچى، ئەدىپ باي مىرزا ھېيت ئەپەندى، ئۆمرىنى تۈرك تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا شۇنداقلا ئۆز ھاياتىنى ئۆزبېك خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان.

باي مىرزا ھېيت يالغۇز تۈرك دۇنياسىدا تەسىر قوزغىغان ئالىم بولۇپلا قالماستىن، گېرمان ئالىملىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن، ئۇ يەنە ياش ۋاقتىدا 2 ‏-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەربىي ئوفىتسېر.

بىز گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى كۈرەشچان ئاتاخان ئارقىلىق باي مىرزا ھېيتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولدۇق. باي مىرزا ھېيت ئەپەندى بىزنىڭ زىيارىتمىزنى ناھايىتى قىزغىن ھالدا قوبۇل قىلدى. 90 ياشقا يېتىپ قالغان ئالىم ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ھەمراسى، پەرزەنتلىرى، مۇھىمى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەققىدە ھەمدە مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز پائالىيىتى داۋامىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىغا ئائىت نۇقتىلار توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ باي مىرزا ھېيت ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ ھازىرلىغان پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.