دوكتور تىللا دېڭىز بايقۇزى خانىم بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

تۈركىيە ئىلىم ساھەسىدە ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن بەلگىلىك ئىمتىيازلارغا ئىگە بولىۋاتقان ئۇيغۇر خانىم – قىزلاردىن دوكتور تىللا دېڭىز بايقۇزى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي كلاسسىك تىلىنى ئۆگەنگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى.

دوكتور تىللا دېڭىز بايقۇزى تۈركىيىدىكى مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا "ئۈچ ئەپەندى" نامى بىلەن ئاتالغانلارنىڭ بىرى بولغان مەسۇت سابىر بايقۇزى ئەپەندىنىڭ نەۋرىسىدۇر.