خىتاينىڭ بۇيىلقى دۆلەت بايرىمى قانداق ئۆتكۈزۈلدى؟ ئۇنى شىنخۇا ئاگىنىتلىغى نىمە دەپ خەۋەر قىلدى، باشقا ئۇچۇر- ۋاستە تارماقلىرىچۇ؟
بىز تۈۋەندە بۇھەقتىكى بىر - بىرىگە ئوخشىمىغان خەۋەرلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى: شىنخۇا ئاگىنىتلىغىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1 - ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭ شەھرى دۆلەت بايرىقى ۋە گۈل -چېچەكلەر بىلەن بېزەلگەن، ناخشا ۋە كۈلكىلەر دۆلەت بايرىمىغا بېخىشلانغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتىتى سىياسى بىۇروسىنىڭ 9 دايىمى ئەزاسى بېيجىڭدىكى 5 چوڭ باغچىغا بېرىپ جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىغىنىڭ 55 يىللىىقنى تەبرىكلىگەن. خىتاينىڭ تېبەتنىڭ ئالى رايۇنىدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسملىرى ھىمالايا تاغلىرى ئارقىلىق نىپالغا ئۆتىدىغان قارلىق جىرالاردا دۆلەت بايرىقىنى چىقارغان. خىتاينىڭ غەرب تەرىپىدە قەددىنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن دەس تۇرغان چوڭچىڭ شەھرى ئۆزى ياراتقان شانلىق مۇجىزىلەر خاتىرىلەنگەن فوتو رەسىملەرنى دۆلەت بايرىمىغا تەقدىم قىلغان.
باشقا ئۇچۇر - ۋاستە تارماقلىىرنىڭ بېيجىڭدىن تارقاتقان خەۋىرى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. "ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1 - ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدە توختىماي بوران چىققان ۋە يامغۇر تاغقان. تىەنئەنمېن مەيدانىنى كوممۇنىست ساقچىلىرىنىڭ قاراۋۇللىرى ۋە ئاپتوموبىللىرى زىچ قورشىۋالغان، بۇ كۈندىكى بورانلىق يامغۇر شەھەرنى بېزەش ئۈچۈن تىزىلغان ھەشەمەتلىك گۈللەرنىڭ چېچەكلىرىنى توزىتىۋەتكەن. تىەنئەنمېن مەيدانىغا كىرمەكچى بولغان خەلق توپى چەنمېن دەرۋازىسىغا ۋە باشقا يوللارغا ياكى تونىللارغا قويۇلغان توساقلار بىلەن توسىۋېلىنغان. ئەرىز قىلغىلى - دەرت ئەيتقىلى كەلگەن دەرتمەن خەلقلەرنى كوممۇنىست ساقچىلىرى تۇتقىن قىلغان. بۇ كۈندا كوممۇنىست ساقچىلىرى ھەر بىر پوخرانىڭ ئىش - ھەركىتىگە كۆزىنى ، گەپ سۈزىگە قولىقىنى تىكىش بىلەن مەشقۇل بولغان.
بىر ئايال پۇخرانىڭ سۆلەپ بېرىشىچە، ئەرىز قىلىغى، دەر ئەيتقىلى كەلگەن دەرتمەن خەلقنىڭ بېيجىڭگە كىىرشى چەكلەندى. ساقچىلار ھەممىلا يوللارنى توسىۋالدى. رەسمى فورما كەيگەن ساقچىلار ۋە چەسنىچە كىيىنگەن ساقچىلار ھەممە جاينى قاپلاپ كەتتى، ئۇلار ھازىر بىر چوڭ قاراقچىلار گۇروھىغا ئايلىنىۋالدى....
خوڭكوڭدا بولسا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىۋاتقان جىنزىجىڭ مەيدانىدا خوڭكوڭلىقلار نامايىش ئۆتكەزگەن. نەخ مەيداندىن يوللانغان فوتو رەسىملەرگە قارىغاندا، نامايىشچىلار قۇشۇنىدا ئۈستىگە "ھۆكۈمەت خەلقنىڭ بولسۇن" دېگەن خەتلەر يېزىلغان يەكتەك كىيىۋالغان ئەر نامايىشچىلار، ئۈستىگە "بىرلا پارتىيەنىڭ دېكتاتورلىقىغا خاتىمە بېرىلسۈن" دېگەن خەتلەر يېزىلغان پەرىجە كىيىۋالغان خانىم نامايىشچىلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چاڭماۋ- لىاڭگوشۇڭ بىرلەشمىسى دېگەن بىر تەشكىلات جىنزىجىڭ مەيداننىڭ ئەتراپىدا "قارا تاۋۇت" كۈتۈرۈپ نامايىش قىلغان ئۇلار ياشىسۇن خەلق، ياشىسۇن دېموكراتىيە، ھۆكۈمەت خەلقنىڭ بولسۇن دېگەن شۇئارلارنى توۋلىغان.
- ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭمۇ خاتىرە كۈنى ئىكەنلىكى ھەممە كىشىگە ئايان. ئەمما مۇشۇنداق بىر كۈندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلىق ھۈكۈمەتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان خەۋرلەرگە قاراپ باقىدىمان بولساق، ئۇنىڭدىن كىشىلەر ئەجەپلەنمەي قالمايدۇ. ئۇنىڭدا پەقەت " بۈگۈن شىنجاڭدا ئاسماندا بوران چىقمىدى، ئاسماننىڭ ئاستىدا يامغۇر ياغمىدى، ئاسماننىڭ ئۈستىدە كۈن چىقىپ تۇردى" دەپ خەۋەر قىلدى. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى دېگەننى ھەتتا تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى.
مانا مۇشۇنداق بىر كۈندە ئاۋىستىرالىيەدە تۇرۇشلۇق سىياسى مۇلاھىزىچى ھۈسەن ئەپەندى غۇلجا خەلقىنى ئەسلىدى: